Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7:36-46

Help us?
Click on verse(s) to share them!
36ئەنە شۇ مۇسا خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى مىسىردىن چىقاردى ھەمدە مىسىر زېمىنىدا، قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن چۆلدە كارامەتلەرنى ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى.   
37ئەنە شۇ مۇسا ئۆزى ئىسرائىللارغا‫‪:‬‬ «خۇدا قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەيدۇ» دېگەنىدى.   
38چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندىكى جامائەتكە ھەمراھ بولغان، سىناي تېغىدا ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرىشتە بىلەن بىللە بولغان، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز بىلەن بىللە بولغان ھەمراھ دەل ئەنە شۇ ئىدى؛ ھاياتلىق بەخش يەتكۈزىدىغان ۋەھىيلەرنى بىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قوبۇل قىلغۇچى بولغان دەل ئەنە شۇ ئىدى؛
39شۇنداق بولسىمۇ، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى خالىماي، ئۇنى چەتكە قېقىپ، كۆڭلىدە مىسىرغا قايتىشنى ئارزۇ قىلدى؛
40شۇڭا ئۇلار ھارۇنغا‫‪:‬‬ ــ «بىزگە يول باشلايدىغان ئىلاھلارنى ياساپ بەرگىن! چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى.   
41شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنلەردە ئۇلار موزاي شەكلىدە بىر بۇت ياساپ، بۇ مەبۇدقا ئاتاپ قۇربانلىق سۇندى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بىر نەرسىنى خۇشال‫‪‎-‎‬‬خۇراملىق بىلەن تەبرىكلەشكە كىرىشتى.
42لېكىن خۇدا ئۇلاردىن يۈزىنى ئۆرۈپ، ئۇلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇز قوشۇنلىرىغا چوقۇنۇشقا قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىسىدا پۈتۈلگەدەك، خۇدا ئۇلارنى مۇنداق ئەيىبلىدى‫‪:‬‬ ــ «سىلەر چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندا بولغان قىرىق يىل جەريانىدا قىلغان قۇربانلىق‫‪‎-‎‬‬ھەدىيەلەرنى ھەقىقەتەن ماڭا ئېلىپ كەلگەنمۇسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟
43بەرھەق، سىلەر چوقۇنۇش ئۈچۈن ياسىغان مەبۇدلار، يەنى «مولوق»نىڭ چېدىرى ھەم بۇتۇڭ بولغان «رەمفان»نىڭ يۇلتۇز بەلگىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار؛ ئەمدى مەن سىلەرنى ئەسىر قىلىپ بابىلدىن يىراققا سۈرگۈن قىلدۇرىمەن».  
44ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز چۆلدىن كەزگەن ۋاقتىدا، «ھۆكۈم‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىق» چېدىرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىكلەنگەنىدى؛ ئۇ دەل مۇساغا سۆز‫‪‎-‎‬‬كالام يەتكۈزگۈچىنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك بويىچە ياسالغانىدى.   
45شۇ ئىبادەت چېدىرىنى ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز ئىلگىرىدىكىلەردىنمۇ ئىگىدارچىلىقىغا تاپۇشۇپ، يەشۇئانىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇدا ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا قوغلىغان ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋالغىنىدا، ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن؛ ئۇ شۇنداقلا پادىشاھ داۋۇتنىڭ زامانىغىچە تۇرغان.   
46داۋۇت خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىپ، ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۈچۈن بىر مۇقىم ماكان سېلىشقا ئىجازەت سورىغان.   

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7:36-46روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7:36-46