36ئەنە شۇ مۇسا خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى مىسىردىن چىقاردى ھەمدە مىسىر زېمىنىدا، قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن چۆلدە كارامەتلەرنى ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى.
37ئەنە شۇ مۇسا ئۆزى ئىسرائىللارغا: «خۇدا قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەيدۇ» دېگەنىدى.
38چۆل-باياۋاندىكى جامائەتكە ھەمراھ بولغان، سىناي تېغىدا ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرىشتە بىلەن بىللە بولغان، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن بىللە بولغان ھەمراھ دەل ئەنە شۇ ئىدى؛ ھاياتلىق بەخش يەتكۈزىدىغان ۋەھىيلەرنى بىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قوبۇل قىلغۇچى بولغان دەل ئەنە شۇ ئىدى؛
39شۇنداق بولسىمۇ، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى خالىماي، ئۇنى چەتكە قېقىپ، كۆڭلىدە مىسىرغا قايتىشنى ئارزۇ قىلدى؛