1باش كاھىن ئىستىپاندىن: ــ بۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى راستمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
2ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ قېرىنداشلار ۋە ئاتا-بوۋىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاتىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدا تۇرۇۋاتقاندا، يەنى ھاران شەھىرىگە كۆچۈپ ماكانلىشىشتىن ئىلگىرى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى خۇدا ئۇنىڭغا ئايان بولۇپ:
3«سەن ئۆز يۇرتۇڭ ۋە ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان زېمىنغا بارغىن» دېگەنىدى.
4بۇنىڭ بىلەن ئۇ كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى تاشلاپ، ھاران شەھىرىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى بۇ زېمىنغا، يەنى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان زېمىنغا يۆتكەپ كەلدى.