Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:15-35

Help us?
Click on verse(s) to share them!
15شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەتتا پېترۇس ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ سايىسى بولسىمۇ ئۈستىگە چۈشسۇن دەپ، كېسەللەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى.
16يەنە توپ‫‪‎-‎‬‬توپ كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە ناپاك روھلار چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى.
17باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى، يەنى سادۇقىي مەزھەپىدىكىلەر قوزغىلىپ بۇ ئىشلارغا غەزەپلىنىپ،
18روسۇللارنى تۇتقۇن قىلىپ، قاماقخانىغا قامىدى.
19لېكىن شۇ كېچە، رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى قاماقخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، روسۇللارنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬
20ــ سىلەر ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، خالايىققا بۇ ھاياتلىق توغرىسىدىكى ھەممە سۆزلەرنى جاكارلاڭلار ــ دەپ تاپىلىدى.
21روسۇللار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، تاڭ ئاتقاندا ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى كەلگەندە، ئۇلار ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر ۋە ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى جەم بولۇشقا چاقىردى. ئاندىن روسۇللارنى ئېلىپ كەلسۇن دەپ قاماقخانىغا ئادەم ئەۋەتتى.
22لېكىن سىپاھلار زىندانغا يېتىپ بارغاندا، روسۇللارنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى بايقاپ قايتىپ بېرىپ، كېڭەشمىدىكىلەرگە‫‪:‬‬
23ــ بىز بارساق، زىندان مەھكەم تاقاقلىق تۇرۇپتۇ، قاراۋۇللارمۇ دەرۋازىلىرىدا كۆزەتتە تۇرۇپتۇ. لېكىن دەرۋازىلارنى ئېچىپ قارىساق، ئىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق! ــ دەپ مەلۇمات بەردى.
24بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئىبادەتخانىدىكى مەسئۇل كاھىن ھەم قاراۋۇللارنىڭ باشلىقى ۋە باش كاھىنلار‫‪:‬‬ ــ «ئەمدى بۇ ئىش زادى قانداق بولۇپ كېتەر؟» دېيىشىپ ئالاقزادىلىككە چۆمدى.
25دەل شۇ چاغدا، بىر كىشى كىرىپ‫‪:‬‬ ــ قاراڭلار، سىلەر زىندانغا قامىغان ئادەملەر ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇرۇپ خالايىققا تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ! ــ دەپ خەۋەر قىلدى.
26بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى قاراۋۇللار باشلىقى سىپاھلىرىنى باشلاپ بېرىپ، روسۇللارنى ئېلىپ كەلدى. بىراق ئۇلار خالايىق بىزنى چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلىشى مۇمكىن دەپ قورقۇپ، ئۇلارغا زورلۇق ئىشلەتمىدى.
27ئۇلار روسۇللارنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى كېڭەشمىدىكىلەر ئالدىدا تۇرغۇزدى. باش كاھىن ئۇلارنى سوراق قىلىپ‫‪:‬‬
28ــ بىز ئەسلى سىلەرنى بۇ نامدا كىشىلەرگە تەلىم بەرمەڭلار، دەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانىدۇق. لېكىن مانا، سىلەر يەنە شۇ تەلىمىڭلار بىلەن پۈتكۈل يېرۇسالېمنى قاپلىدىڭلار ھەمدە بۇ كىشىنىڭ قان قەرزىنى بىزگە ئارتماقچى بولۇۋاتىسىلەر! ــ دېدى.  
29لېكىن پېترۇس ۋە باشقا روسۇللار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا ئىتائەت قىلىش كېرەك!
30سىلەر تۇتۇپ ياغاچقا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن ئەيسانى، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىمىزنىڭ خۇداسى تىرىلدۈردى.   
31خۇدا ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشقا ۋە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈلىشىكە مۇيەسسەر قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلۇغلاپ يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ ئولتۇرغۇزدى.
32بىز بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىلارمىز؛ شۇنداقلا خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھمۇ بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇر.
33ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قەلبىگە سانجىلغاندەك بولۇپ روسۇللارنى ئۆلتۈرۈشكە مەسلىھەتلەشتى.
34لېكىن كېڭەشمە ئىچىدە پۈتۈن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پەرىسىي مەزھىپىدىكى گامالىيەل ئىسىملىك بىر تەۋرات ئۆلىماسى بار ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ ئۇلارنى بىردەم سىرتقا چىقىرىپ تۇرۇڭلار، ــ دەپ بۇيرۇدى.
35ئاندىن ئۇ كېڭەشمىدىكىلەرگە مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر بۇ كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزۈڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار!

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:15-35روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:15-35