Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4:7-28

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7ئۇلار پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئارىسىغا تۇرغۇزۇپ‫‪:‬‬ ــ سىلەر بۇ ئىشنى قايسى كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرەتكە تايىنىپ ياكى كىمنىڭ نامى بىلەن قىلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى.
8پېترۇس مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان ھالدا ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ خەلقنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى!
9ئەگەر بىز بۈگۈن بۇ توكۇر ئادەمگە كۆرسەتكەن ياخشى ئەمەل ھەم ئۇنىڭ قانداق ساقايتىلغانلىقى سەۋەبلىك سوراققا تارتىلغان بولساق،
10سىلەر ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلسۇنكى، سىلەر كرېستلىگەن، ئەمما خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئۇنىڭ كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرىتى ئارقىلىق بۇ كىشى مۇشۇ يەردە ئالدىڭلاردا پۈتۈنلەي ساق‫‪‎-‎‬‬سالامەت تۇرىدۇ!
11بۇ ئەيسا بولسا، مۇقەددەس يازمىلاردا پۈتۈلگەندەك، دەل سىلەر تامچىلار ئېتىبارسىز دەپ تاشلىۋەتكەن، بىراق بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەنگەن تاشتۇر.   
12ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمدە نىجاتلىق يوق، چۈنكى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدا ئىنسانلار ئارىسىغا تەقدىم قىلىنغان، ئەيسادىن باشقا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق بىر نام يوقتۇر.
13پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى؛ ئۇلارنىڭ بۇرۇن ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى.
14ئۇنىڭ ئۈستىگە، ساقايغان ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار ھېچقانداق گەپ ياندۇرالمىدى.
15شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنى كېڭەشمىدىن چىقىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن بىر‫‪‎-‎‬‬بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ‫‪:‬‬
16ــ بۇلارنى قانداق قىلىمىز؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن خېلى كۆرۈنەرلىك مۆجىزىلىك بىر ئالامەت يۈز بەرگەنلىكى پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە ئايان بولدى ۋە بىز ئۇنى ئىنكار قىلىشقا ئامالسىزمىز.
17لېكىن بۇ ئىشنىڭ خەلق ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ يېيىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇندىن كېيىن بۇ ئادەمنىڭ نامىدا ھېچكىمگە ھېچنېمە دېمەسلىككە ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬تەھدىت سالايلى! ــ دېيىشتى.
18شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى چاقىرتىپ، بۇندىن كېيىن ئەيسانىڭ نامىدا ھېچ سۆزلىمەسلىك ياكى تەلىم بەرمەسلىكنى قەتئىي بۇيرۇدى.
19لېكىن پېترۇس بىلەن يۇھاننا‫‪:‬‬ ــ خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەرگە ئىتائەت قىلىش توغرىمۇ ياكى خۇداغىمۇ، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار!
20ئەمما بىز بولساق، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! ــ دەپ جاۋاب بەردى.
21ھۆكۈمرانلار بولسا خالايىقتىن قورقۇپ، ئۇلارنى جازالاشقا لايىق سەۋەب تاپالماي، ئۇلارغا تېخىمۇ تەھدىت سېلىپ، قويۇپ بەردى. چۈنكى خالايىق بولغان ۋەقە تۈپەيلىدىن خۇدانى ئۇلۇغلىغانىدى.
22چۈنكى بۇ ساقايتىلىش مۆجىزىلىك ئالامىتى كۆرسىتىلگەن كىشىنىڭ يېشى قىرىقتىن ئاشقانىدى.
23ئۇلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى باشتىن‫‪‎-‎‬‬ئاخىر كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى.   
24ئۇلار بۇنى ئاڭلىغاندا، ئاۋازىنى بىر نىيەت بىر دىل بىلەن خۇداغا كۆتۈرۈپ مۇنداق نىدا قىلدى‫‪:‬‬ ــ ئى ئىگىمىز، سەن ئاسمان‫‪‎-‎‬‬زېمىن، دېڭىز‫‪‎-‎‬‬ئوكيانلارنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدادۇرسەن.
25سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق مۇنداق دېگەنغۇ‫‪:‬‬ «ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىكاردىن‫‪‎-‎‬‬بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟  
26دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپ تارتىپ، ئەمەلدارلار يىغىلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشقا جەم بولۇشتى».  
27ــ چۈنكى دەرۋەقە دەل بۇ شەھەردە ھېرود ھەم پونتىئۇس پىلاتۇس، يات ئەللىكلەر ھەم ئىسرائىل خەلقلىرى بىرلىشىپ، سەن مەسىھلىگەن مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيساغا قارشى چىقىپ توپلانغانىدى،
28شۇنىڭ بىلەن كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بويىچە سەن بۇرۇنلا نېمىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى بېكىتكەن بولساڭ، ئۇلار شۇلارنى قىلغان.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4:7-28روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4:7-28