Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4:19-29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
19لېكىن پېترۇس بىلەن يۇھاننا‫‪:‬‬ ــ خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەرگە ئىتائەت قىلىش توغرىمۇ ياكى خۇداغىمۇ، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار!
20ئەمما بىز بولساق، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! ــ دەپ جاۋاب بەردى.
21ھۆكۈمرانلار بولسا خالايىقتىن قورقۇپ، ئۇلارنى جازالاشقا لايىق سەۋەب تاپالماي، ئۇلارغا تېخىمۇ تەھدىت سېلىپ، قويۇپ بەردى. چۈنكى خالايىق بولغان ۋەقە تۈپەيلىدىن خۇدانى ئۇلۇغلىغانىدى.
22چۈنكى بۇ ساقايتىلىش مۆجىزىلىك ئالامىتى كۆرسىتىلگەن كىشىنىڭ يېشى قىرىقتىن ئاشقانىدى.
23ئۇلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى باشتىن‫‪‎-‎‬‬ئاخىر كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى.   
24ئۇلار بۇنى ئاڭلىغاندا، ئاۋازىنى بىر نىيەت بىر دىل بىلەن خۇداغا كۆتۈرۈپ مۇنداق نىدا قىلدى‫‪:‬‬ ــ ئى ئىگىمىز، سەن ئاسمان‫‪‎-‎‬‬زېمىن، دېڭىز‫‪‎-‎‬‬ئوكيانلارنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدادۇرسەن.
25سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق مۇنداق دېگەنغۇ‫‪:‬‬ «ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىكاردىن‫‪‎-‎‬‬بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟  
26دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپ تارتىپ، ئەمەلدارلار يىغىلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشقا جەم بولۇشتى».  
27ــ چۈنكى دەرۋەقە دەل بۇ شەھەردە ھېرود ھەم پونتىئۇس پىلاتۇس، يات ئەللىكلەر ھەم ئىسرائىل خەلقلىرى بىرلىشىپ، سەن مەسىھلىگەن مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيساغا قارشى چىقىپ توپلانغانىدى،
28شۇنىڭ بىلەن كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بويىچە سەن بۇرۇنلا نېمىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى بېكىتكەن بولساڭ، ئۇلار شۇلارنى قىلغان.
29ئەمدى ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن، قۇللىرىڭنى سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭنى تولۇق يۈرەكلىك بىلەن سۆزلەپ يەتكۈزىدىغان قىلغايسەن؛

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4:19-29روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4:19-29