Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 3

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 3:9-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9بارلىق خالايىق ئۇنىڭ مېڭىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ
10ئۇنىڭ ئىبادەتخانىدىكى «گۈزەل دەرۋازا» ئالدىدا سەدىقە تىلەپ ئولتۇرىدىغان ھېلىقى ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنىڭدا يۈز بەرگىنىگە ھەيرانۇھەس بولۇپ داڭ قېتىپ قېلىشتى.
11ساقايغان كىشى پېترۇس بىلەن يۇھانناغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇۋالغاندا، ھەيران بولۇشقان بارلىق خەلق ئۇلارنىڭ يېنىغا ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى» دېگەن يەرگە يۈگۈرۈپ كېلىشتى.
12بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پېترۇس خالايىققا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئى ئىسرائىللار! بۇ ئىشقا نېمانچە ھەيران بولىسىلەر؟ بىز خۇددى ئۆز كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرىتىمىز ياكى ئىخلاسمەنلىكىمىزگە تايىنىپ بۇ ئادەمنى ماڭدۇرغاندەك بىزگە نېمانچە تىكىلىپ قارايسىلەر؟
13ئەمەلىيەتتە بولسا، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۆز خىزمەتكارى بولغان ئەيسانى شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ بىلەن ئۇلۇغلىغان. بىراق سىلەر بولساڭلار شۇ ئەيسانى رىملىقلارغا تۇتۇپ بەردىڭلار؛ ئاندىن ۋالىي پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بېرىشنى ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن تېنىپ رەت قىلىشتىڭلار.   

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 3روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 3
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 3:9-13روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 3:9-13