13ئەمما بەزىلەر: ــ بۇلار يېڭى شاراب بىلەن ئوبدانلا مەست بولۇپ قاپتۇ! ــ دەپ مەسخىرە قىلىشتى.
14ئەمما پېترۇس قالغان ئون بىرەيلەن بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: ــ ئەي يەھۇدىيەدىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار! بۇ ئىش سىلەرگە مەلۇم بولغايكى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار!
15بۇلار سىلەر ئويلىغاندەك مەست ئەمەس، چۈنكى ھازىر پەقەت ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى.