Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 27

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 27:17-38

Help us?
Click on verse(s) to share them!
17كلاۋدا دېگەن كىچىك بىر ئارالنىڭ شامالغا دالدا تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىپ، قولۋاقنى كېمىگە چىقىرىۋېلىپ، ئارانلا ئۇنى ساقلاپ قالالىدۇق. ئاندىن كېمىچىلەر كېمىنى ئارغامچىلار بىلەن سىرتىدىن ئوراپ باغلىۋالدى. كېمىنىڭ سىرتىس دەپ ئاتالغان دېڭىز ئاستىدىكى تاش‫‪‎-‎‬‬قۇم دۆۋىلىرىگە قېقىلىپ پېتىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، تورمۇز لەڭگەرلىرىنى چۈشۈرۈپ، كېمىنى شامالنىڭ ھەيدىشىگە قويۇپ بەردى.
18بوران ئۈستىمىزگە شىددەتلىك سوققاچقا، ئەتىسى مالنى دېڭىزغا تاشلاشقا باشلىدى.
19ئۈچىنچى كۈنىدە ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن كېمىدىكى قورال‫‪‎-‎‬‬جابدۇقلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.
20كۆپ كۈنلەرگىچە يا كۈن يا يۇلتۇزلار كۆرۈنمەي، بوران‫‪‎-‎‬‬چاپقۇن يەنىلا شىددەتلىك ئۈستىمىزگە توختىماي سوقۇۋەرگەچكە، ئاخىردا قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىمىزمۇ يوققا چىققانىدى.
21كېمىدىكىلەر بىرنەرسە يېمىگىنىگە كۆپ كۈنلەر بولغاندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ بۇرادەرلەر، سىلەر بالدۇرلا مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سېلىپ كرېتتىن دېڭىزغا چىقماسلىقىڭلار كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلغان بولساڭلار بۇ بالايىئاپەت ۋە زىيان‫‪‎-‎‬‬زەخمەتلەرگە ئۇچرىمىغان بولاتتىڭلار.
22لېكىن ئەمدى سىلەرنى غەيرەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. چۈنكى ئاراڭلاردا ھېچقايسىڭلار جېنىدىن ئايرىلغىنى يوق، پەقەت كېمىدىنلا مەھرۇم قالىسىلەر.
23چۈنكى مەن تەۋە بولغان ۋە ئىبادەت‫‪‎-‎‬‬خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى تۈنۈگۈن كېچە يېنىمغا كېلىپ
24ماڭا‫‪:‬‬ «پاۋلۇس، قورقما! سەن قەيسەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرۇشۇڭ كېرەك؛ ۋە مانا، خۇدا شاپائەت قىلىپ سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى تىلىگىنىڭنى ساڭا ئىجابەت قىلدى!» دېدى.
25شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي ئەپەندىلەر، غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى خۇداغا ئىشىنىمەنكى، ماڭا قانداق ئېيتىلغان بولسا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
26بىراق بىز مەلۇم ئارالنىڭ قىرغىقىغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ.
27سەپىرىمىزنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كېچىسى، كېمە ئادرىئاتىك دېڭىزىدا لەيلەپ يۈرۈۋاتقان بولۇپ، تۈن نىسپىدە، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇققا يېقىنلاپ قېلىپتۇق، دەپ ئويلىدى.
28ئۇلار چوڭقۇرلۇقنى ئۆلچەش ئارغامچىسىنى دېڭىزغا چۈشۈرۈپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەپ كۆرگەنىدى، يىگىرمە غۇلاچ چىقتى. سەل ئالدىغا مېڭىپ يەنە ئۆلچىۋىدى، ئون بەش غۇلاچ چىقتى.
29ئۇلار كېمىنىڭ خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، كېمىنىڭ كەينىدىن تۆت لەڭگەرنى تاشلىۋېتىپ، تاڭ ئېتىشنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ تۇردى.
30لېكىن كېمىچىلەر كېمىدىن قاچماقچى بولۇپ كېمىنىڭ بېشىدىنمۇ لەڭگەرنى ئېلىپ تاشلىۋېتەيلى دەپ باھانە كۆرسىتىپ، قولۋاقنى دېڭىزغا چۈشۈردى.
31پاۋلۇس يۈزبېشى ۋە لەشكەرلەرگە‫‪:‬‬ ــ بۇ كېمىچىلەر كېمىدە قالمىسا، سىلەر قۇتۇلالمايسىلەر! ــ دېدى.
32بۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىلىرىنى كېسىپ، ئۇنى لەيلىتىپ قويدى.
33تاڭ ئاتاي دېگەندە، پاۋلۇس ھەممەيلەننى بىرئاز غىزالىنىۋېلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ سىلەرنىڭ دەككە‫‪‎-‎‬‬دۈككە ئىچىدە ھېچنېمە يېمەي تۇرغىنىڭلارغا ئون تۆت كۈن بولدى.
34ئەمدى بىرئاز غىزالىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. چۈنكى ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ چۈنكى ھېچقايسىڭلارنىڭ بېشىدىكى بىر تال مويمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ! ــ دېدى.
35بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ قولىغا بىر پارچە ناننى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئوشتۇپ يېدى.
36شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن غەيرەتلىنىپ غىزالىنىشقا باشلىدى
37(كېمىدە بىز جەمئىي ئىككى يۈز يەتمىش ئالتە كىشى ئىدۇق).
38ھەممەيلەن قورساقلىرىنى توقلىغاندىن كېيىن، كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 27روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 27
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 27:17-38روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 27:17-38