Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 25

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 25:13-23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
13بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئاگرىپپا خان بىلەن سىڭلىسى بەرنىكى فېستۇسقا تەبرىك‫‪‎-‎‬‬سالامغا قەيسەرىيەگە كەلدى.
14ئۇ يەردە ئۇزۇن كۈنلەر تۇرغاندىن كېيىن، فېستۇس پاۋلۇسنىڭ ئىشىنى خانغا مەلۇم قىلىپ‫‪:‬‬ ــ بۇ يەردە فېلىكس قالدۇرۇپ كەتكەن بىر مەھبۇس بار.
15مەن يېرۇسالېمغا بارغىنىمدا، يەھۇدىي باش كاھىنلىرى بىلەن ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، مەندىن ئۇنى جازاغا مەھكۇم قىلىشىمنى تەلەپ قىلىشتى.
16مەن ئۇلارغا، ئەرز قىلىنغۇچى ئەرز قىلغۇچىلار بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلمىگۈچە، ئۇنى جازاغا تاپشۇرۇش رىملىقلارنىڭ ئادىتى ئەمەستۇر، دەپ ئېيتتىم.
17شۇڭا ئۇلار مەن بىلەن بىللە بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، مەن ۋاقىتنى كەينىگە سوزماي، ئەتىسىلا سوراق تەختىگە ئولتۇرۇپ ئۇ كىشىنى ئەكىلىشنى بۇيرۇدۇم.
18ئەرز قىلغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلىرى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك رەزىل ئىشلار ئەمەس ئىدى،
19بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىبادەت تۈزۈمى توغرۇلۇق ۋە ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى ھەققىدە مەلۇم تالاش‫‪‎-‎‬‬تارتىش مەسىلىلىرى بار ئىكەن. ئۇ كىشى ئۆلگەن بولۇپ، پاۋلۇس بولسا ئۇ تىرىلدى دەيدىكەن.
20بۇ مەسىلىلەرنى زادى قانداق ئېنىقلاشنى بىلەلمەي، مەن پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردە بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سوراققا تارتىلىشقا رازى بولۇش‫‪‎-‎‬‬بولماسلىقىنى سورىغانىدىم.
21پاۋلۇس سولاقتا تۇرۇپ ئىمپېراتور جانابلىرىنىڭ سوراق قارارىنى چىقىرىشىنى مۇراجىئەت قىلغاندىن كېيىن، مەن ئۇنى قەيسەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكۈچە، سولاقتا تۇتۇپ تۇرۇشنى بۇيرۇدۇم.
22ئاگرىپپا فېستۇسقا‫‪:‬‬ ــ مېنىڭمۇ بۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار، ــ دېدى. ــ ئەتە ئاڭلايسىز، ــ دېدى ئۇ.
23شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى، ئاگرىپپا بىلەن بەرنىكى ھەيۋەت بىلەن ئاممىۋىي يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى، مىڭبېشىلار ۋە شەھەر كاتتىۋاشلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كىرىپ كېلىشتى. فېستۇس ئەمر قىلىۋىدى، پاۋلۇس ئېلىپ كىرىلدى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 25روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 25
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 25:13-23روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 25:13-23