Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 22

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 22:3-14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3ــ مەن بىر يەھۇدىي، كىلىكىيەدىكى تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم؛ لېكىن بۇ شەھەردە بېقىپ چوڭ قىلىندىم، گامالىيەلنىڭ قول ئاستىدا ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزغا تاپشۇرۇلغان تەۋرات قانۇنىنىڭ زىر‫‪‎-‎‬‬زەۋەرلىرىنى قويماي ئۆگىنىپ تەلىم‫‪‎-‎‬‬تەربىيە ئالدىم. مەن سىلەرنىڭ بۈگۈن بولغىنىڭلاغا ئوخشاش، خۇدا يولىغا ئىنتايىن قىزغىن ئىدىم.  
4مەن بۇ يولدىكىلەرنى ھەتتا ئۆلتۈرۈشكىچە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئەر‫‪‎-‎‬‬ئايال دېمەي تۇتقۇن قىلىپ زىندانغا سالدۇردۇم.  
5بۇ توغرۇلۇق باش كاھىن ۋە ئالىي كېڭەشمىدىكى بارلىق ئاقساقاللارمۇ ماڭا گۇۋاھچىدۇر. مەن ئۇلاردىن دەمەشقتىكى يەھۇدىي قېرىنداشلارغا يېزىلغان خەتلەرنى تاپشۇرۇۋېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بۇ يولدىكىلەرنى جازالاش ئۈچۈن، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ يېرۇسالېمغا ئاپىرىمەن دەپ يولغا چىققانىدىم.
6ئەمدى شۇنداق بولدىكى، سەپەر قىلىپ دەمەشقكە يېقىنلاشقاندا، چۈشكە يېقىن، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئەتراپىمنى يورۇتۇۋەتتى.
7مەن يەرگە يىقىلىپ كەتتىم، ئاندىن ماڭا‫‪:‬‬ «سائۇل، سائۇل، ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم.
8«ئى رەب، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا‫‪:‬‬ ــ «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ناسارەتلىك ئەيسادۇرمەن!» دېدى.
9مەن بىلەن بىللە مېڭىۋاتقانلار ئۇ نۇرنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى چۈشەنمىدى.   
10مەن يەنە، «ئى رەب، نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دەپ سورىسام، رەب ماڭا، «ئورنۇڭدىن تۇر، دەمەشققە كىر، شۇ يەردە سەن ئادا قىلىش بېكىتىلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى توغرۇلۇق ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ!» دېدى.
11ھېلىقى نۇرنىڭ جۇلالىقىدىن كۆزلىرىم كۆرمەس بولۇپ قالدى. يېنىمدىكىلەر قولۇمدىن يېتەكلەپ، دەمەشققە ئېلىپ كىردى.
12ئۇ يەردە تەۋرات قانۇنىغا ئىخلاس باغلىغان، دەمەشقتىكى بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى.
13ئۇ كېلىپ، يېنىمدا تۇرۇپ‫‪:‬‬ «قېرىنداش سائۇل، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارا!» دېدى. مەن شۇئان بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ ئۇنى كۆردۇم.
14ئۇ ماڭا‫‪:‬‬ «ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى سېنى ئىرادىسىنى بىلىشىڭ، ھەققانىي بولغۇچىنى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن ئاللىقاچان تاللىدى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 22روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 22
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 22:3-14روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 22:3-14