13ئۇ كېلىپ، يېنىمدا تۇرۇپ: «قېرىنداش سائۇل، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارا!» دېدى. مەن شۇئان بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ ئۇنى كۆردۇم.
14ئۇ ماڭا: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى سېنى ئىرادىسىنى بىلىشىڭ، ھەققانىي بولغۇچىنى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن ئاللىقاچان تاللىدى.
15چۈنكى سەن پۈتۈن ئىنسانلار ئالدىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىڭغا ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى بولىسەن!