Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21:2-33

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2پاتارادا فەنىكىيە رايونىغا بارىدىغان بىر كېمىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق.
3سىپرۇس ئارىلى كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇنى سول تەرىپىمىزدە قالدۇرۇپ ئۆتۈپ، سۇرىيەگە قاراپ مېڭىپ، تۇر شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقتۇق. چۈنكى كېمە بۇ يەردە يۈك چۈشۈرمەكچى ئىدى.
4ئۇ يەردە مۇخلىسلارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەتتە كۈن تۇردۇق. ئۇلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ۋەھىيىسى كېلىپ، ئۇلار پاۋلۇسقا ئايىغىڭ يېرۇسالېمغا باسمىسۇن، دەپ نەسىھەت قىلدى.  
5بىراق بىز ئۇ يەردە تۇرۇش ۋاقتىمىز توشقاندا، سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن خوتۇن‫‪‎-‎‬‬بالىلىرى بىزنى شەھەرنىڭ سىرتىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى. ھەممىمىز دېڭىز بويىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىللە دۇئا قىلدۇق.
6قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، بىز كېمىگە چىقتۇق، ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
7تۇر شەھىرىدىن دېڭىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا پىتولىمايس شەھىرىگە كەلدۇق. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇق.
8ئەتىسى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، قەيسەرىيە شەھىرىگە كەلدۇق. بىز بۇرۇن يېرۇسالېمدىكى «يەتتە خىزمەتكار»دىن بىرى بولغان، خۇش خەۋەرچى فىلىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوندۇق.  
9بۇ كىشىنىڭ تېخى ياتلىق قىلىنمىغان، بېشارەت‫‪‎-‎‬‬ۋەھىيلەرنى يەتكۈزىدىغان تۆت قىزى بار ئىدى.
10بىز ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئاگابۇس ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چۈشتى.
11بۇ كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، پاۋلۇسنىڭ بەلۋېغىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پۇت‫‪‎-‎‬‬قولىنى باغلاپ‫‪:‬‬ ــ مۇقەددەس روھ مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ يەھۇدىيلار بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسىنى يېرۇسالېمدا مۇشۇنداق باغلاپ، يات ئەللىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ! ــ دېدى.  
12بۇلارنى ئاڭلاپ، ھەم بىز ھەم شۇ يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بارمىغىن دەپ ئۆتۈندۇق.
13لېكىن پاۋلۇس جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا يىغلاپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەب ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشلا ئەمەس، شۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، ــ دېدى.
14بىز ئۇنى قايىل قىلالماي، ئاخىرىدا سۈكۈت قىلىپ‫‪:‬‬ ــ رەبنىڭ ئىرادىسى ئادا قىلىنسۇن! ــ دېدۇق.
15بۇ كۈنلەردىن كېيىن، يۈك‫‪‎-‎‬‬تاقىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، يېرۇسالېمغا چىقىپ باردۇق.
16قەيسەرىيەلىك مۇخلىسلاردىن بىرنەچچىسى بىز بىلەن سەپەرداش بولدى؛ ئۇلار مىناسون ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە قونىمىز دەپ ئۇنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى؛ بۇ كىشى سىپرۇسلۇق، قېرى مۇخلىس ئىدى.
17يېرۇسالېمغا يەتكەندە قېرىنداشلار بىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى.
18ئەتىسى، پاۋلۇس بىز بىلەن بىللە ياقۇپنى كۆرگىلى باردى. ياقۇپ بىلەن ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغانىدى.
19پاۋلۇس ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئارقىلىق ئەللەر ئارىسىدا قىلغان ئىشلىرىنى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرلەپ ئۇلارغا تەپسىلىي ئېيتىپ بەردى.
20بۇلارنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى، ئاندىن پاۋلۇسقا‫‪:‬‬ ــ كۆرۈۋاتىسەن، ئى قېرىندىشىم، يەھۇدىيلار ئىچىدە قانچە مىڭلىغان ئېتىقاد قىلغۇچىلار بار! ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتايىن قىزغىن ئىكەن.
21ئۇلار سېنىڭ توغراڭدا‫‪:‬‬ «ئۇ ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان پۈتۈن يەھۇدىيلارغا مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغىنىدىن يېنىشنى، يەنى بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرماسلىقنى، يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلماسلىقنى ئۆگىتىدۇ» دەپ ئاڭلىدى.
22ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ چۈنكى خالايىق چوقۇم سېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭنى ئاڭلاپ قالىدۇ.
23شۇڭا بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلغىن‫‪:‬‬ ئارىمىزدا قەسەم ئىچكەن تۆت ئادەم بار.
24سەن ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تەۋراتتىكى تازىلىنىش قائىدىسىدىن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق چىقىملىرىنى ئۆزۈڭ كۆتۈرگىن، ئاندىن ئۇلار چاچلىرىنى چۈشۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھەممەيلەن سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ راست ئەمەسلىكىنى ۋە سېنىڭ ئۆزۈڭ تەۋراتقا تەرتىپى بويىچە رىئايە قىلىۋاتلىقىڭنى بىلىپ يېتىدۇ.
25ئەمما ئەللەردىن بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارغا پەقەتلا بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەرنى يېمەسلىك، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىمۇ يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن ئۆزلىرىنى ساقلاش توغرۇلۇق قارارىمىزنى ئۆتكەنكى خەت ئارقىلىق ئۇقتۇردۇق.
26بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ كىشىلەرنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۆزى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشتى؛ ئاندىن ئۇ ئىبادەتخانىغا كىرىپ، كاھىنلارغا ئۆزلىرىنىڭ پاكلىنىش مۇددىتىنىڭ قاچان توشۇدىغانلىقى، يەنى ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىشنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى.  
27يەتتە كۈنلۈك مۇددەت توشۇشقا ئاز قالغاندا، ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ، خالايىقنى قۇترىتىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىپ‫‪:‬‬
28ــ ئەي ئىسرائىللار، ياردەمدە بولۇڭلار! ھەممە يەردىلا، ھەممە ئادەمگە خەلقىمىزگە، تەۋرات قانۇنىغا ۋە ئىبادەتخانىغا قارشى سۆزلەرنى ئۆگىتىۋاتقان ئادەم دەل شۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ يەنە گرېكلەرنى ئىبادەتخانىمىزغا باشلاپ كىرىپ، بۇ مۇقەددەس جاينى بۇلغىدى! ــ دەپ چۇقان كۆتۈردى
29(ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئەسلىدە ئۇلار شەھەردە ئەفەسۇسلۇق تروفىمۇسنىڭ پاۋلۇس بىلەن بىللە بولغانلىقىنى كۆرگەنىدى ۋە پاۋلۇس ئۇنى ئىبادەتخانىغا باشلاپ كىرگەن، دەپ ئويلىغانىدى).  
30شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر زىلزىلىگە كەلدى. خالايىق تەرەپ‫‪‎-‎‬‬تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، پاۋلۇسنى تۇتۇپ، ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرى دەرھال تاقىۋېتىلدى.
31بۇ ئوپ ئادەم پاۋلۇسنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، پۈتكۈل يېرۇسالېمنى مالىمانچلىق قاپلاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى بىر خەۋەر ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق رىم قىسمىنىڭ مىڭبېشىغا يەتكۈزۈلدى.
32مىڭبېشى دەرھال لەشكەر ۋە بىرنەچچە يۈزبېشىنى ئېلىپ، توپ‫‪‎-‎‬‬توپ ئادەملەرنى باستۇرۇشقا يۈگۈرۈپ كەلدى. مىڭبېشى ۋە ئەسكەرلەرنى كۆرگەن خالايىق پاۋلۇسنى ئۇرۇشتىن توختىدى.
33مىڭبېشى ئالدىغا ئۆتۈپ، لەشكەرلەرنى پاۋلۇسنى تۇتۇپ ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاشقا بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇ‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەم كىم؟ ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ ــ دەپ سورىدى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21:2-33روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21:2-33