19رەبنىڭ خىزمىتىدە ھەر تەرەپتە كەمتەر بولۇپ، كۆز ياشلىرىم تۆكۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن بېشىمدىن ئۆتكەن سىناقلاردا چىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر،
20ۋە يەنە مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆي-ئۆيلەردە بولسۇن، سىلەرگە تەلىم بەرگىنىمدە، سىلەرگە پايدىلىق بولسىلا ھېچنېمىنى ئايىماي جاكارلاپ،
21يەھۇدىيلار ھەم گرېكلەرگىمۇ خۇدا ئالدىدا توۋا قىلىش ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھگە ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ جېكىلىگەنلىكىم ھەممىڭلارغا مەلۇم.
22ھازىر مانا، روھتا باغلانغان ھالدا يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بېشىمغا چۈشىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن؛
23پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارغانلا شەھەرلەردە زىندان كىشەنلىرى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېنىق ئېيتىپ كەلمەكتە.