Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20:11-33

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11قايتىدىن ئۆيگە چىقىپ، ناننى ئوشتۇپ يېگەندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلار بىلەن تاڭ ئاتقۇچە ئۇزۇن سۆزلەشتى ۋە ئۇ بۇ يەردىن يولغا چىقتى.
12تروئاستىكىلەر بولسا ھېلىقى يىگىتنى ئۆيىگە ھايات ئاپىرىپ قويدى. ئۇلار بۇنىڭدىن چەكسىز تەسەللى تاپتى.
13بىز بولساق پاۋلۇستىن بۇرۇن ئاسسوس شەھىرىگە كېمە بىلەن باردۇق. چۈنكى پاۋلۇس شۇ يەرگە پىيادە باراي، سىلەر مەندىن ئاۋۋال يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە مېنى كېمىگە ئېلىۋېلىشنى كۈتۈڭلار، دەپ ئورۇنلاشتۇرغانىدى.
14ئاسسوستا ئۇ بىز بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن بىز ئۇنى كېمىگە ئېلىپ مىتۇلىن شەھىرىگە كەلدۇق.
15ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، ئەتىسى خىيوس ئارىلىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ تۇردۇق. ئۈچىنچى كۈنى ساموس ئارىلىغا يېتىپ كەلدۇق ۋە تروگىللىئۇم شەھىرىدە قوندۇق؛ ئۇنىڭ ئەتىسى مىلېتۇس شەھىرىگە باردۇق.
16چۈنكى پاۋلۇس ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، دېڭىز سەپىرىدە ئەفەسۇستا توختىماي ئۆتۈپ كېتىشنى قارار قىلغانىدى. سەۋەبى، ئۇ «ئورما ھېيتى» كۈنىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى.   
17ئەمدى مىلېتۇس شەھىرىدىن ئەفەسۇسقا ئادەم ئەۋەتىپ، جامائەتتىكى ئاقساقاللارنى چاقىردى.
18ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ مەن ئاسىيا ئۆلكىسىگە ئاياغ باسقان بىرىنچى كۈندىن تارتىپ، سىلەر بىلەن قانداق ئۆتكەنلىكىم ھەربىرىڭلارغا مەلۇم.
19رەبنىڭ خىزمىتىدە ھەر تەرەپتە كەمتەر بولۇپ، كۆز ياشلىرىم تۆكۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن بېشىمدىن ئۆتكەن سىناقلاردا چىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر،
20ۋە يەنە مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆي‫‪‎-‎‬‬ئۆيلەردە بولسۇن، سىلەرگە تەلىم بەرگىنىمدە، سىلەرگە پايدىلىق بولسىلا ھېچنېمىنى ئايىماي جاكارلاپ،
21يەھۇدىيلار ھەم گرېكلەرگىمۇ خۇدا ئالدىدا توۋا قىلىش ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھگە ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ جېكىلىگەنلىكىم ھەممىڭلارغا مەلۇم.
22ھازىر مانا، روھتا باغلانغان ھالدا يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بېشىمغا چۈشىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن؛
23پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارغانلا شەھەرلەردە زىندان كىشەنلىرى ۋە ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلەرنىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېنىق ئېيتىپ كەلمەكتە.
24لېكىن مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەب ئەيسادىن تاپشۇرۇۋالغان خىزمەتنى ئادا قىلىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ تولۇق گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىمايمەن.
25مەن سىلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ھەممىڭلار ئارىسىدا يۈرۈپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىدىم؛ ئەمدى مانا ماڭا مەلۇمكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن ھېچكىم يۈزۈمنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر.
26شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سىلەرگە گۇۋاھلىق قىلىپ ئېيتىپ قويايكى، مەن ھېچبىرىنىڭ قېنىغا قەرزدار ئەمەسمەن.
27چۈنكى مەن خۇدانىڭ تولۇق مەقسەت‫‪‎-‎‬‬ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە بايان قىلىپ يەتكۈزۈشتىن باش تارتمىدىم.
28مۇقەددەس روھ سىلەرنى خۇدانىڭ جامائىتىنى بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىسى ئىچىدە يېتەكچى قىلىپ تىكلىگەنىدى؛ ئەمدى ئۆزۈڭلارغا ھەم ئۆز ئوغلىنىڭ قېنى بىلەن سېتىۋالغان بارلىق پادىسىغا سەگەك بولۇڭلار!   
29چۈنكى ماڭا ئايانكى، مەن كەتكەندىن كېيىن، چىلبۆرىلەر ئاراڭلارغا كىرىپ، پادىنى ھېچ ئايىمايدۇ،
30ھەمدە ھەتتا ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر مۇخلىسلارنى ئۆزلىرىگە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان تۈرلۈك ئىشلارنى سۆزلەيدۇ.
31شۇڭا، سەگەك بولۇڭلار، مېنىڭ ئۈچ يىل كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز دېمەي، ھەربىرىڭلارغا كۆز ياشلىرىم بىلەن توختىماي نەسىھەت بېرىپ تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.
32ئەمدى مەن سىلەرنى خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت يەتكۈزىدىغان سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىغا تاپشۇرىمەن. بۇ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالام ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇشقا ھەم پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس قىلىنغان بارلىق خەلقى ئارىسىدا ئىلتىپات قىلىنىدىغان مىراستىن سىلەرنى نېسىپ قىلىشقا قادىردۇر.
33مەن ھېچقاچان ھېچكىمدىن كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەك ياكى ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈش تاما قىلىپ باقمىغانمەن.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20:11-33روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20:11-33