14بۇلار بىر جان بىر دىل بولۇپ ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى؛ بۇ ئىشتا بىر يەرگە جەم بولغانلاردىن بىرقانچە ئايال، جۈملىدىن ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئەيسانىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى.
15شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پېترۇس قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرۇپ (جەم بولۇشقانلار بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن ئىدى) مۇنداق دېدى:
16ــ قېرىنداشلار، ئەيسانى تۇتقانلارغا يول باشلىغۇچى بولغان يەھۇدا ھەققىدە مۇقەددەس روھنىڭ بۇرۇن داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىشى مۇقەررەر ئىدى.
17چۈنكى يەھۇدامۇ ئارىمىزدىن بىرى ھېسابلانغان ۋە خۇدانىڭ بۇ خىزمىتىدىن نېسىۋىسى بار ئىدى
18(ئۇ قىلغان قەبىھلىكنىڭ ئىنئامىدىن ئېرىشكەن پۇلغا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدى، ئۇ شۇ يەردە بېشىچىلاپ يىقىلىپ، ئۈچەي-قېرىنى چۇۋۇلۇپ كەتتى؛