36بۇ ئىشلارنى ئىنكار قىلالمىغانىكەن، ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىشىڭلار، باشباشتاقلىق قىلماسلىقىڭلار كېرەك.
37چۈنكى سىلەر بۇ كىشىلەرنى بۇ يەرگە سوراققا تارتىشقا ئېلىپ كەلدىڭلار؛ لېكىن ئۇلار يا بۇتخانىلارنى بۇلغۇچىلار يا بىزنىڭ ئايال ئىلاھىمىزغا كۇپۇرلۇق قىلغۇچىلاردىن ئەمەس.
38ئەگەر دىمىترىي ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۈستىدىن شىكايىتى بولسا، سوراقخانىلار ئوچۇق تۇرماقتا ۋە سوراقچى ۋالىيلارمۇ بار. ئۇلار شۇ يەرلەردە بىر-بىرى بىلەن دەۋالاشسۇن؛