3پاۋلۇس يەنە: ــ ئۇنداقتا، سىلەر قانداق چۆمۈلدۈرۈلۈشتە چۆمۈلدۈرۈلگەنسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ــ بىز يەھيا پەيغەمبەر يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق، ــ دېدى ئۇلار.
4پاۋلۇس: ــ يەھيا پەيغەمبەر خەلققە يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈلۈرۈش بولسا گۇناھلارغا توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان چۆمۈلدۈرۈلۈش بولۇپ، ئۇلارغا ئۆزىدىن كېيىن كەلگۈچىگە، يەنى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىنى تاپىلىغانىدى، ــ دېدى.