Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:3-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3پاۋلۇس يەنە‫‪:‬‬ ــ ئۇنداقتا، سىلەر قانداق چۆمۈلدۈرۈلۈشتە چۆمۈلدۈرۈلگەنسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ــ بىز يەھيا پەيغەمبەر يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق، ــ دېدى ئۇلار.
4پاۋلۇس‫‪:‬‬ ــ يەھيا پەيغەمبەر خەلققە يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈلۈرۈش بولسا گۇناھلارغا توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان چۆمۈلدۈرۈلۈش بولۇپ، ئۇلارغا ئۆزىدىن كېيىن كەلگۈچىگە، يەنى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىنى تاپىلىغانىدى، ــ دېدى.
5ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ، رەب ئەيسانىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدى.
6پاۋلۇس قولىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇشى بىلەن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشكە ھەم پەيغەمبەرلەرچە ۋەھىي‫‪‎-‎‬‬بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى.  
7ئۇلار تەخمىنەن ئون ئىككى ئەركەك كىشى ئىدى.
8پاۋلۇس ئۈچ ئاي داۋامىدا ئەفەسۇس شەھىرىدىكى سىناگوگقا كىرىپ، يۈرەكلىك بىلەن سۆز قىلىپ، ئۇلار بىلەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئىشلار توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ قايىل قىلىشقا تىرىشتى.
9لېكىن بەزىلىرى جاھىللىق قىلىپ ئىشىنىشنى رەت قىلىپ، خالايىق ئالدىدا رەبنىڭ يولىغا ھاقارەت كەلتۈرگەندە، پاۋلۇس ئۇلاردىن چىقىپ، مۇخلىسلارنىمۇ ئايرىپ چىقتى. ئۇ ھەركۈنى تىراننۇس ئىسىملىك ئادەمنىڭ لېكسىيىخانىسىدا مۇنازىرە‫‪‎-‎‬‬مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.   
10بۇ ئىش ئىككى يىل داۋاملاشتى. نەتىجىدە، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى پۈتۈن خەلق، يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممەيلەن رەبنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى ئاڭلىدى.
11خۇدا پاۋلۇسنىڭ قوللىرى ئارقىلىق كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى.
12كىشىلەر ھەتتا قول ياغلىق ۋە پەرتۇقلارنى پاۋلۇسنىڭ تېنىگە تەگكۈزۈپ، ئاندىن كېسەللەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياپاتتى. نەتىجىدە، كېسەللەر ساقىيىپ، يامان روھلار ئۇلاردىن چىقىپ كېتەتتى.
13لېكىن شۇ ئەتراپتا يۈرىدىغان، «جىنكەش» يەھۇدىيلارىن بەزىلىرىمۇ رەب ئەيسانىڭ نامىنى ئىشلىتىپ باققۇسى كېلىپ، جىن چاپلاشقانلار ئۈستىدە تۇرۇپ جىنلارغا‫‪:‬‬ «پاۋلۇس جاكارلاۋاتقان ئەيسانىڭ نامىدىن ساڭا قاتتىق بۇيرۇق بېرىمەن!» دەيدىغان بولدى.
14بۇ ئىشنى قىلىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي باش كاھىننىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى.
15لېكىن ئۇلار قوغلىۋەتمەكچى بولغان يامان روھ ئۇلارغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئەيسانى تونۇيمەن، پاۋلۇستىن خەۋىرىم بار، بىراق ئۆزۈڭلار كىم بولىسىلەر؟! ــ دېۋىدى،
16يامان روھ چاپلىشىۋالغان كىشى ئۇلارغا ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ شاما قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. ئۇلار يالىڭاچ ۋە يارىلانغان ھالدا ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى.
17بۇ ئىش ئەفەسۇس شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەرگىمۇ مەلۇم بولۇپ، قورقۇنچ ھەممىسىنى باستى ۋە رەب ئەيسانىڭ نامى ئۇلۇغلاندى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:3-17روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:3-17