Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:18-37

Help us?
Click on verse(s) to share them!
18نەتىجىدە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار بۇرۇنقى قىلغانلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئالدىغا چىقتى.
19سېھىرگەرلىك قىلغانلاردىن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ سېھىرگەرلىك كىتاب‫‪‎-‎‬‬پالنامىلىرىنى ئەكېلىپ بىر يەرگە دۆۋىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرۈشتى. بۇ كىتابلارنىڭ قىممىتى جەمئىي ئەللىك مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە يېتەتتى.
20شۇنداق قىلىپ، رەبنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى كۈچگە ئىگە بولۇپ، بەرق ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.
21بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاۋلۇس كۆڭلىدە، ماكېدونىيە ۋە ئاخايا ئۆلكىسىدىن ئۆتۈپ يېرۇسالېمغا بېرىشقا نىيەت باغلىدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، رىم شەھىرىنى كۆرۈپ كېلىشىم كېرەك، ــ دېدى.  
22شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىگە ياردەمدە بولۇۋاتقانلاردىن تىموتىي بىلەن ئېراستۇس ئىككىيلەننى ماكېدونىيەگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى يەنە بىر مەزگىل ئاسىيا ئۆلكىسىدە تۇردى.
23دەل شۇ چاغدا، ئەفەسۇس شەھىرىدە رەبنىڭ يولى توغرۇلۇق ئېغىر مالىماچىلىق كۆتۈرۈلدى.   
24ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنى سۈرەتلەپ كۈمۈش تەكچە‫‪‎-‎‬‬ھەيكەللەرنى ياسىغۇچى دىمىترىي ئىسىملىك بىر زەرگەر بار ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى ھۈنەرۋەنلەرگە كۆپ پايدا تاپقۇزاتتى.
25دىمىترىي ھۈنەرۋەنلەرنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان باشقا ئۇستىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ بۇرادەرلەر، بىزنىڭ گۈللىنىشىمىزنىڭ بۇ ئىش بىلەن باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛
26ھازىر ھېلىقى پاۋلۇسنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن بولۇشۇڭلار كېرەك. ئۇ‫‪:‬‬ «قول بىلەن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىلاھلار ئەمەس» دېيىش بىلەن، پەقەت ئەفەسۇستا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئاسىيا ئۆلكىسىدە دېگۈدەك نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قايىل قىلىپ، ئازدۇرۇپ بۇراۋاتىدۇ.
27ئەمدى ھازىر بىزنىڭ بۇ سودىمىزغا بەتنام چاپلاش خەۋپى بولۇپلا قالماي، بەلكى بۈيۈك ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىمۇ ئەرزىمەس دەپ قارىلىپ، ھەتتا ئاسىيا ئۆلكىسى ۋە پۈتكۈل جاھان ئىبادەت قىلىدىغان بۇ ئايال ئىلاھىمىزنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىمۇ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ! ــ دېدى.
28بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك غەزەپكە چۆمۈپ، قايتا‫‪‎-‎‬‬قايتا‫‪:‬‬ ــ ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ ئارتېمىسىمىز بۈيۈكتۇر! ــ دەپ چۇقان كۆتۈرۈشكە باشلىدى.
29بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل شەھەرمالىماتاڭ بولۇپ كەتتى. خالايىق پاۋلۇسنىڭ سەپەرداشلىرىدىن ماكېدونىيەلىك گايۇس ۋە ئارىستارخۇسلارنى تۇتۇپ سۆرەپ، سېرك مەيدانىغا تەڭلا يوپۇرۇلۇپ ماڭدى.   
30پاۋلۇس خالايىق ئارىسىغا كىرمەكچى بولغانىدى، لېكىن مۇخلىسلار ئۇنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدى.
31ھەتتا پاۋلۇسنىڭ دوستلىرى بولغان ئۆلكە ئەمەلدارلىرىدىن بەزىلىرىمۇ ئۇنىڭغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇنى سېرك مەيدانىغا بېرىشقا تەۋەككۈل قىلماسلىققا جېكىلىدى.
32ئەمدى بەزىلەر بۇنى دەپ ۋارقىرىسا، بەزىلەر ئۇنى دەپ ۋارقىرىشىپ، پۈتۈن سورۇن ۋاراڭ‫‪‎-‎‬‬چۇرۇڭغا تولدى؛ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە يىغىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.
33يەھۇدىيلار ئىسكەندەر ئىسىملىك ئادەمنى ئالدىغا ئىتتىرىپ چىقىرىۋىدى، كۆپچىلىك ئۇنى ئالدىغا تۇرغۇزدى. ئىسكەندەر كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ، يەھۇدىيلارنى ئاقلىماقچى بولدى.
34بىراق كۆپچىلىك ئۇنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، ھەممىسى تەڭلا‫‪:‬‬ ــ ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ ئارتېمىسىمىز بۈيۈكتۇر! ــ دەپ ئىككى سائەتچە چۇقان كۆتۈرۈپ تۇرۇشتى.
35ئاخىردا، شەھەرنىڭ باش مىرزىسى خالايىقنى تىنچلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئەي ئەفەسۇسلۇقلار! بىز ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ شەھىرىنىڭ بۈيۈك ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشكەن سۈرىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىم بار!
36بۇ ئىشلارنى ئىنكار قىلالمىغانىكەن، ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىشىڭلار، باشباشتاقلىق قىلماسلىقىڭلار كېرەك.
37چۈنكى سىلەر بۇ كىشىلەرنى بۇ يەرگە سوراققا تارتىشقا ئېلىپ كەلدىڭلار؛ لېكىن ئۇلار يا بۇتخانىلارنى بۇلغۇچىلار يا بىزنىڭ ئايال ئىلاھىمىزغا كۇپۇرلۇق قىلغۇچىلاردىن ئەمەس.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:18-37روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:18-37