Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:13-24

Help us?
Click on verse(s) to share them!
13لېكىن شۇ ئەتراپتا يۈرىدىغان، «جىنكەش» يەھۇدىيلارىن بەزىلىرىمۇ رەب ئەيسانىڭ نامىنى ئىشلىتىپ باققۇسى كېلىپ، جىن چاپلاشقانلار ئۈستىدە تۇرۇپ جىنلارغا‫‪:‬‬ «پاۋلۇس جاكارلاۋاتقان ئەيسانىڭ نامىدىن ساڭا قاتتىق بۇيرۇق بېرىمەن!» دەيدىغان بولدى.
14بۇ ئىشنى قىلىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي باش كاھىننىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى.
15لېكىن ئۇلار قوغلىۋەتمەكچى بولغان يامان روھ ئۇلارغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئەيسانى تونۇيمەن، پاۋلۇستىن خەۋىرىم بار، بىراق ئۆزۈڭلار كىم بولىسىلەر؟! ــ دېۋىدى،
16يامان روھ چاپلىشىۋالغان كىشى ئۇلارغا ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ شاما قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. ئۇلار يالىڭاچ ۋە يارىلانغان ھالدا ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى.
17بۇ ئىش ئەفەسۇس شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەرگىمۇ مەلۇم بولۇپ، قورقۇنچ ھەممىسىنى باستى ۋە رەب ئەيسانىڭ نامى ئۇلۇغلاندى.
18نەتىجىدە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار بۇرۇنقى قىلغانلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئالدىغا چىقتى.
19سېھىرگەرلىك قىلغانلاردىن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ سېھىرگەرلىك كىتاب‫‪‎-‎‬‬پالنامىلىرىنى ئەكېلىپ بىر يەرگە دۆۋىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرۈشتى. بۇ كىتابلارنىڭ قىممىتى جەمئىي ئەللىك مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە يېتەتتى.
20شۇنداق قىلىپ، رەبنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى كۈچگە ئىگە بولۇپ، بەرق ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.
21بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاۋلۇس كۆڭلىدە، ماكېدونىيە ۋە ئاخايا ئۆلكىسىدىن ئۆتۈپ يېرۇسالېمغا بېرىشقا نىيەت باغلىدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، رىم شەھىرىنى كۆرۈپ كېلىشىم كېرەك، ــ دېدى.  
22شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىگە ياردەمدە بولۇۋاتقانلاردىن تىموتىي بىلەن ئېراستۇس ئىككىيلەننى ماكېدونىيەگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى يەنە بىر مەزگىل ئاسىيا ئۆلكىسىدە تۇردى.
23دەل شۇ چاغدا، ئەفەسۇس شەھىرىدە رەبنىڭ يولى توغرۇلۇق ئېغىر مالىماچىلىق كۆتۈرۈلدى.   
24ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنى سۈرەتلەپ كۈمۈش تەكچە‫‪‎-‎‬‬ھەيكەللەرنى ياسىغۇچى دىمىترىي ئىسىملىك بىر زەرگەر بار ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى ھۈنەرۋەنلەرگە كۆپ پايدا تاپقۇزاتتى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:13-24روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:13-24