Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18:2-10

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2ئۇ ئۇ يەردە پونتۇس ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ئاكۋىلا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى پرىسكىللانى ئۇچراتتى. ئۇلار رىم ئىمپېراتورى كلاۋدىيۇسنىڭ بارلىق يەھۇدىيلار رىم شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك، دېگەن يارلىقى سەۋەبلىك يېقىندا ئىتالىيەدىن كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ،
3ئۇلار بىلەن كەسىپداش بولغاچقا، بىللە تۇرۇپ ئىشلىدى (چۈنكى ئۇلار چېدىرچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى).  
4ھەربىر شابات كۈنىدە ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنى خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىغا قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى.
5بىراق سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيەدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامنى يەتكۈزۈشكە ئالدىرىدى، جان كۆيدۈرۈپ يەھۇدىيلارغا‫‪:‬‬ ــ ئەيسا ــ مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر، دەپ گۇۋاھلىق بەردى.  
6لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئۆز قېنىڭلار ئۆز بېشىڭلارغا چۈشسۇن! مەن بۇنىڭغا جاۋابكار ئەمەسمەن! بۈگۈندىن باشلاپ، مەن سىلەردىن بۇرۇلۇپ يات ئەللىكلەرگە بارىمەن، ــ دېدى.  
7بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇلاردىن ئايرىلىپ، تىتىيۇس يۇستۇس ئىسىملىك، خۇدادىن قورقىدىغان بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇردى. ئۇنىڭ ئۆيى سىناگوگنىڭ يېنىدا ئىدى.
8ئەمدى سىناگوگنىڭ چوڭى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەبگە ئېتىقاد قىلدى. نۇرغۇن كورىنتلىقلارمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئېتىقاد قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.  
9رەب كېچىدە پاۋلۇسقا بىر غايىبانە كۆرۈنۈش ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزۈپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ قورقما، سۈكۈت قىلماي سۆزلە،
10چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللە. ھېچكىم ساڭا قول سېلىپ زەرەر يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى مېنىڭ بۇ شەھەردە نۇرغۇن كىشىلىرىم بار، ــ دېدى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18:2-10روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18:2-10