Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18:14-26

Help us?
Click on verse(s) to share them!
14پاۋلۇس ئاغزىنى ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا، ۋالىي گاللىيو يەھۇدىيلارغا‫‪:‬‬ ــ دەرۋەقە، ئى يەھۇدىيلار، بۇ شىكايىتىڭلار بىرەر ناھەقلىق ياكى ئېغىر جىنايەت توغرىسىدا بولغان بولسا، سەۋرچانلىق بىلەن سىلەرگە قۇلاق سالسام ئورۇنلۇق بولاتتى.
15بىراق بۇ ئىش پەقەت بەزى نام‫‪‎-‎‬‬ئىسىملار، سۆزلەر ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ تەۋرات قانۇنىڭلار ئۈستىدە تالاش‫‪‎-‎‬‬تارتىشلارغا چېتىشلىق ئىكەن، ئۇنى ئۆزۈڭلار بىر تەرەپ قىلىڭلار! مەن بۇنداق ئىشلارغا سوراقچى بولمايمەن! ــ دېدى.
16شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى سوراق تەختى ئالدىدىن ھەيدەپ چىقاردى.
17خالايىق سىناگوگنىڭ چوڭى سوستېنىسنى تۇتۇۋېلىپ، سوراق تەختىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇرغىلى تۇردى. بىراق ۋالىي گاللىيو بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىغا قىلچە پىسەنت قىلمىدى.
18پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە يەنە كۆپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قېرىنداشلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىللا ۋە ئاكۋىلالارنىڭ ھەمراھلىقىدا كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيەگە قاراپ كەتتى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇ كەنقرىيا شەھىرىدە خۇداغا ئىچكەن بىر قەسىمىدىن چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەنىدى.   
19ئۇلار ئەفەسۇس شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ پرىسكىللا ۋە ئاكۋىلانى قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆزى شۇ يەردىكى سىناگوگقا كىرىپ، يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى.
20ئۇلار ئۇنى ئۇزۇنراق تۇرۇشقا تەلەپ قىلىۋىدى، ئۇ قوشۇلماي،
21«مەن قانداقلا بولمىسۇن كېلەر ھېيتنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزىمەن؛ ئاندىن خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن»، ــ دەپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ئەفەسۇستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى.  
22ئۇ قەيسەرىيە شەھىرىدە كېمىدىن چۈشۈپ، يېرۇسالېمغا چىقىپ جامائەت بىلەن ھال سوراشقاندىن كېيىن، ئانتاكيا شەھىرىگە چۈشۈپ كەتتى.
23ئانتاكيادا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە يولغا چىقىپ گالاتىيا ۋە فرىگىيە يۇرتلىرىنى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرلەپ ئارىلاپ، بارغانلا يېرىدە بارلىق مۇخلىسلارنىڭ ئېتىقادىنى قۇۋۋەتلىدى.
24بۇ ئارىدا، ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئاپوللوس ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ ناتىق ئادەم بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردىن خېلىلا چوڭقۇر ساۋاتى بار ئادەم ئىدى.   
25ئۇ رەبنىڭ يولى توغرۇلۇق تەلىم ئالغان بولۇپ، ئوتلۇق روھ بىلەن ئەيسا ھەققىدە ئەينەن سۆزلەپ تەلىم بېرەتتى. بىراق ئۇنىڭ خەۋىرى پەقەت يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چەكلىنەتتى.
26ئۇ سىناگوگدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنى ئاڭلىغان پرىسكىللا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18:14-26روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18:14-26