Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:6-14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6لېكىن ئۇلار ئىككىيلەننى تاپالماي ئۇلار ياسون ۋە باشقا بىرنەچچە قېرىشداشنى شەھەر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا تارتىپ ئاپىرىپ‫‪:‬‬ ــ ھەممە جايلاردا ئالەمنى ئاستىن‫‪‎-‎‬‬ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئاشۇ ئادەملەر مۇشۇ يەرگىمۇ يېتىپ كەلدى؛
7ياسون ئۇلارنى ئۆيىدە قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئەيسا ئىسىملىك باشقا بىر پادىشاھ بار دەپ جاكارلاپ، قەيسەرنىڭ پەرمانلىرىغا قارشى چىقىۋاتىدۇ! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى.
8ئۇلار بۇ سۆزلەر بىلەن خالايىقنى ۋە شەھەر ئەمەلدارلىرىنى دەككە‫‪‎-‎‬‬دۈككىگە سېلىپ قويدى.
9ئەمەلدارلار ياسون ۋە باشقا تۇتۇپ كېلىنگەنلەردىن كاپالەت پۇلى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قويۇۋەتتى.
10قېرىنداشلار ھايال بولماي پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شۇ كۈنى كېچىدە بېرىيا شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىردى.   
11ئۇ يەردىكى سىناگوگدىكىلەر تېسالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا ئېسىل خىسلەتلىك بولۇپ، سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئېنىقالاپ بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقىنىپ ئىزلەندى.
12نەتىجىدە، ئۇلاردىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار، ئېسىلزادە گرېك ئاياللاردىن بىر قىسمى ۋە شۇنداقلا خېلى كۆپ گرېك ئەرلەر ئېتىقاد قىلدى.
13لېكىن تېسالونىكادىكى يەھۇدىيلار خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنىڭ پاۋلۇس ئارقىلىق بېرىيادىمۇ جاكارلىنىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگىمۇ بېرىپ توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇپ، ئاممىنى قۇتراتتى.
14شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار پاۋلۇسنى دەرھال دېڭىز بويىغا ئەۋەتىۋەتتى. سىلاس بىلەن تىموتىي بولسا بېرىيادا قالدى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:6-14روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:6-14