31چۈنكى ئۇ ئۆزى تىكلىگەن ئىنسان ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيانى ھەققانىيلىق بىلەن سوراق قىلىدىغان بىر كۈنىنى بەلگىلىدى؛ ئۇ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بىلەن بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىگە ئىسپات بەرگەنىدى.
32پاۋلۇسنىڭ «ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى» ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغاندا بەزىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى. يەنە بەزىلەر: ــ بۇ ئىش ھەققىدە سەندىن يەنە ئاڭلايلى، ــ دېدى.
33بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس مەيداندىن چىقىپ كەتتى.
34بىراق بەزىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئېتىقاد قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئارېئوپاگۇس» كېڭەشمە ھەيئەتلىرىدىن بىرى بولغان دىيونىسىيۇس ۋە دامارىس ئىسىملىك بىر ئايال، شۇنىڭدەك باشقا بىرقانچە كىشىمۇ بار ئىدى.