29شۇڭا، خۇدانىڭ نەسلى بولغاچقا، بىز تەڭرى بولغۇچىنى ئالتۇن-كۈمۈش ياكى تاشتىن ياسالغان، ھۈنەرۋەننىڭ ماھارىتى ۋە تەسەۋۋۇرى بىلەن ئويۇلغان بىرەر نەرسىگە ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك.
30شۇڭا خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردىكىلەرنىڭ شۇنداق غەپلەتلىك ۋاقىتلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغىنى بىلەن، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ھەممىلا يەردە پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا ئەمر قىلماقتا!
31چۈنكى ئۇ ئۆزى تىكلىگەن ئىنسان ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيانى ھەققانىيلىق بىلەن سوراق قىلىدىغان بىر كۈنىنى بەلگىلىدى؛ ئۇ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بىلەن بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىگە ئىسپات بەرگەنىدى.