24پۈتكۈل ئالەمنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا ئاسمان-زېمىننىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن ياسالغان ئىبادەتخانىلاردا تۇرمايدۇ،
25ياكى بىرەر نەرسىگە ھاجىتى چۈشكەندەك ئىنسانلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئەجرىگە موھتاج ئەمەستۇر، چۈنكى ئۇ ئۆزى ھەممە جانىۋارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا ئېھتىياجلىق بولغان ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلىدۇ.
26ئۇ بىرلا ئادەمدىن ئىنسانىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا خاس بولغان پەيت-پەسىللەر ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنىڭ پاسىللىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى.