21(ئەمدى ئافىنالىقلار ۋە ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقتىنى بىرەر يېڭىلىقنى يەتكۈزۈش ياكى ئاڭلاشتىن باشقا ئىشقا سەرپ قىلمايتتى).
22شۇڭا پاۋلۇس ئارېئوپاگۇس مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ مۇنداق دېدى: ئەي ئافىنا خەلقى! سىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن جىن-ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا قاتتاق بېرىلگەنلىكىڭلارنى كۆردۇم.