Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:2-6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2پاۋلۇس ئادىتى بويىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، ئۇدا ئۈچ شابات كۈنى ئۇ يەردە جەم بولغانلار بىلەن مۇقەددەس يازمىلارنى شەرھلەپ مۇنازىرىلىشىپ،
3ئۇلارغا مەسىھنىڭ ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلەر تارتقاندىن كېيىن ئۆلۈمدىن تىرىلىشى مۇقەررەر دەپ چۈشەندۈردى ھەم ئىسپاتلىدى ۋە‫‪:‬‬ ــ مەن سىلەرگە جاكارلىغان مۇشۇ ئەيسا دەل مەسىھنىڭ ئۆزى شۇ! ــ دېدى.
4يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلەر قايىل بولۇپ ئىشىنىپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا قوشۇلدى؛ شۇنداقلا خۇدادىن قورقىدىغان گرېكلەردىن زور بىر توپ ئادەملەر ۋە ئاز بولمىغان يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللارمۇ شۇنداق ئىشەندى.  
5بىراق يەھۇدىيلار بۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، بىرنەچچە قەبىھ ئادەملەرنى يىغىپ، بىر توپ كىشىلەرنى توپلاپ، شەھەرنى ئاستىن‫‪‎-‎‬‬ئۈستۈن قىلىۋەتتى. يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شەھەر خەلق كېڭەشمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇتۇش مەقسىتىدە ياسون ئىسىملىك بىرسىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ باردى.
6لېكىن ئۇلار ئىككىيلەننى تاپالماي ئۇلار ياسون ۋە باشقا بىرنەچچە قېرىشداشنى شەھەر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا تارتىپ ئاپىرىپ‫‪:‬‬ ــ ھەممە جايلاردا ئالەمنى ئاستىن‫‪‎-‎‬‬ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئاشۇ ئادەملەر مۇشۇ يەرگىمۇ يېتىپ كەلدى؛

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:2-6روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:2-6