11ئۇ يەردىكى سىناگوگدىكىلەر تېسالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا ئېسىل خىسلەتلىك بولۇپ، سۆز-كالامنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئېنىقالاپ بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقىنىپ ئىزلەندى.
12نەتىجىدە، ئۇلاردىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار، ئېسىلزادە گرېك ئاياللاردىن بىر قىسمى ۋە شۇنداقلا خېلى كۆپ گرېك ئەرلەر ئېتىقاد قىلدى.