Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:10-28

Help us?
Click on verse(s) to share them!
10قېرىنداشلار ھايال بولماي پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شۇ كۈنى كېچىدە بېرىيا شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىردى.   
11ئۇ يەردىكى سىناگوگدىكىلەر تېسالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا ئېسىل خىسلەتلىك بولۇپ، سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئېنىقالاپ بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقىنىپ ئىزلەندى.
12نەتىجىدە، ئۇلاردىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار، ئېسىلزادە گرېك ئاياللاردىن بىر قىسمى ۋە شۇنداقلا خېلى كۆپ گرېك ئەرلەر ئېتىقاد قىلدى.
13لېكىن تېسالونىكادىكى يەھۇدىيلار خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنىڭ پاۋلۇس ئارقىلىق بېرىيادىمۇ جاكارلىنىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگىمۇ بېرىپ توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇپ، ئاممىنى قۇتراتتى.
14شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار پاۋلۇسنى دەرھال دېڭىز بويىغا ئەۋەتىۋەتتى. سىلاس بىلەن تىموتىي بولسا بېرىيادا قالدى.
15پاۋلۇسنى ئۇزىتىپ ماڭغانلار ئۇنى ئافىنا شەھىرىگىچە ئېلىپ باردى. ئاندىن ئۇلار پاۋلۇسنىڭ‫‪:‬‬ ــ «سىلەر سىلاس بىلەن تىموتىيغا مۇمكىنقەدەر مېنىڭ يېنىمغا تېزراق كەلسۇن دەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭلار» دېگەن تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، بېرىياغا قايتىپ كەلدى.
16پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە سىلاس بىلەن تىموتىينى كۈتۈپ تۇرغاندا، پۈتكۈل شەھەردىكىلەرنىڭ بۇتپەرەسلىككە بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، روھى قاتتىق ئازابلاندى.
17شۇڭا ئۇ سىناگوگدا يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورقىدىغانلار بىلەن ھەم شۇنىڭدەك ھەركۈنى بازاردا ئۇچرىغانلا كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشەتتى.
18«ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ ئاتالغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. ئۇلاردىن بەزىلەر‫‪:‬‬ ــ بۇ بىلەرمەن پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ئەيسا ۋە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغانلىقىدىن‫‪:‬‬ ــ ئۇ يات ئىلاھلارنىڭ تەرغىباتچىسى ئوخشايدۇ! ــ دېيىشتى.
19شۇڭا، ئۇلار پاۋلۇسنى ئېلىپ «ئارېئوپاگۇس» دېگەن كېڭەش مەيدانىغا ئاپىرىپ‫‪:‬‬ ــ سەن تارقىتىۋاتقان يېڭى تەلىمىڭنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىزمۇ بىلسەك قانداق؟
20چۈنكى سەن بەزى غەيرىي ئىشلارنى قۇلىقىمىزغا يەتكۈزۈۋاتىسەن، بىز ئۇلارنىڭ مەنىسى زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگۈمىز بار، ــ دېيىشتى
21(ئەمدى ئافىنالىقلار ۋە ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقتىنى بىرەر يېڭىلىقنى يەتكۈزۈش ياكى ئاڭلاشتىن باشقا ئىشقا سەرپ قىلمايتتى).
22شۇڭا پاۋلۇس ئارېئوپاگۇس مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ئەي ئافىنا خەلقى! سىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن جىن‫‪‎-‎‬‬ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا قاتتاق بېرىلگەنلىكىڭلارنى كۆردۇم.
23چۈنكى ھەممە يەرنى ئارىلاپ، سىلەرنىڭ تاۋاپگاھلىرىڭلارنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمدە، ئۈستىگە «نامەلۇم بىر خۇداغا ئاتالغان» دەپ پۈتۈلگەن بېغىشلىمىسى بار يەنە بىر قۇربانگاھنى كۆردۈم. ئەمدى مەن سىلەر تونۇماي تۇرۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان شۇ خۇدانى مانا ھازىر سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ جاكارلاي.
24پۈتكۈل ئالەمنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا ئاسمان‫‪‎-‎‬‬زېمىننىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن ياسالغان ئىبادەتخانىلاردا تۇرمايدۇ،
25ياكى بىرەر نەرسىگە ھاجىتى چۈشكەندەك ئىنسانلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئەجرىگە موھتاج ئەمەستۇر، چۈنكى ئۇ ئۆزى ھەممە جانىۋارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا ئېھتىياجلىق بولغان ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلىدۇ.
26ئۇ بىرلا ئادەمدىن ئىنسانىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا خاس بولغان پەيت‫‪‎-‎‬‬پەسىللەر ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنىڭ پاسىللىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى.   
27بۇلارنىڭ مەقسىتى «ئىنسانلار مېنى ئىزدىسۇن، بەلكىم سىلاشتۇرۇپ تاپسۇن» دېگەنلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھېچقايسىمىزدىن يىراق ئەمەس.
28چۈنكى بىز ئۇنىڭدا ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز ۋە ئۇنىڭدا ۋۇجۇدىمىز باردۇر؛ ئاراڭلاردىكى بەزى شائىرلار ئېيتقىنىدەك‫‪:‬‬ «بىز ئۇنىڭ نەسلىدۇرمىز!».

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:10-28روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:10-28