Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:30-36

Help us?
Click on verse(s) to share them!
30ئاندىن ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ‫‪:‬‬ ــ قۇتقۇزۇلۇشۇم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.
31رەب ئەيساغا ئېتىقاد قىلغىن، ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! ــ دېدى ئۇلار.  
32شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە رەبنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى يەتكۈزدى.
33كېچە شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا گۇندىپاي ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى؛ ئاندىن ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى؛
34ئىككىيلەننى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا داستىخان سالدى. ئۇ پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن زور شادلاندى.
35ئەتىسى ئەتىگەندە، سوراقچى ئەمەلدارلار ياساۋۇللارنى زىندانغا ئەۋەتىپ‫‪:‬‬ ــ ئۇ ئىككىيلەننى قويۇۋېتىڭلار! ــ دەپ بۇيرۇدى.
36گۇندىپاي بۇ سۆزنى پاۋلۇسقا يەتكۈزۈپ‫‪:‬‬ ــ سوراقچى ئەمەلدارلار ئىككىڭلارنى قويۇۋېتىش يارلىقىنى چۈشۈردى. سىلەر ئەمدى زىنداندىن چىقىپ، تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان يولۇڭلارغا چىقىڭلار، ــ دېدى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:30-36روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:30-36