Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:21-32

Help us?
Click on verse(s) to share them!
21بىز بولساق رىملىقلارمىز، ئۇلار قانۇنىمىزغا خىلاپ بولغان ۋە قوبۇل قىلىشقا ياكى يۈرگۈزۈشكە بولمايدىغان قائىدە‫‪‎-‎‬‬يوسۇنلارنى تەرغىب قىلىۋاتىدۇ! ــ دەپ شىكايەت قىلدى.
22توپلانغان خالايىقمۇ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قوزغالدى؛ سوراقچى ئەمەلدارلار ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ يالىڭاچلاپ، كالتەك بىلەن دۇمبىلاشقا ئەمر چۈشۈردى.
23ئىككىيلەننى كالتەك بىلەن كۆپ دۇمبىلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى زىندانغا تاشلىدى ۋە شۇنداقلا گۇندىپاينى قاتتىق كۆزىتىشكە بۇيرۇدى.
24ئۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىش بىلەن ئۇلارنى زىنداننىڭ ئىچكىرىدىكى كامېرغا سولاپ، پۇتلىرىغا ئىشكەل سالدى.
25تۈن يېرىمدا، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە كۈيلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى.
26تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى ۋە زىنداننىڭ ھەممە ئىشىكلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ھەربىر مەھبۇسنىڭ كىشەنلىرىمۇ چۈشۈپ كەتتى.
27گۇندىپاي ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، زىنداننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مەھبۇسلار قېچىپ كېتىپتۇ دەپ ئويلاپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى.
28لېكىن پاۋلۇس قاتتىق ئاۋازدا‫‪:‬‬ ــ ئۆزۈڭگە زەرەر يەتكۈزمە، ھەممىمىز بار! ــ دەپ ۋارقىرىدى.
29گۇندىپاي‫‪:‬‬ چىراغلارنى كەلتۈرۈڭلار دەپ توۋلاپ ئىچكىرىگە ئېتىلىپ كىرىپ، تىترىگەن ھالدا پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى.
30ئاندىن ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ‫‪:‬‬ ــ قۇتقۇزۇلۇشۇم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.
31رەب ئەيساغا ئېتىقاد قىلغىن، ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! ــ دېدى ئۇلار.  
32شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە رەبنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى يەتكۈزدى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:21-32روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:21-32