Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:18-34

Help us?
Click on verse(s) to share them!
18ئۇ ئۇدا كۆپ كۈنلەر شۇنداق ۋارقىرىدى. بۇ ئىش پاۋلۇسنىڭ قەلبىنى ئازابلاپ، ئۇ قىزغا بۇرۇلۇپ، جىنغا‫‪:‬‬ ــ ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق! ــ دېيىشىگىلا، جىن شۇئان چىقىپ كەتتى.  
19دېدەكنىڭ خوجايىنلىرى ئۇنىڭغا باغلىغان پۇل تېپىش ئۈمىدىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى كۆرۈپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا قول سېلىپ، ئۇلارنى بازار مەيدانىغا سۆرەپ، ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى.
20ئۇلار ئىككىيلەننى سوراقچى ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەملەر يەھۇدىيلار بولۇپ، شەھىرىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتمەكتە.
21بىز بولساق رىملىقلارمىز، ئۇلار قانۇنىمىزغا خىلاپ بولغان ۋە قوبۇل قىلىشقا ياكى يۈرگۈزۈشكە بولمايدىغان قائىدە‫‪‎-‎‬‬يوسۇنلارنى تەرغىب قىلىۋاتىدۇ! ــ دەپ شىكايەت قىلدى.
22توپلانغان خالايىقمۇ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قوزغالدى؛ سوراقچى ئەمەلدارلار ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ يالىڭاچلاپ، كالتەك بىلەن دۇمبىلاشقا ئەمر چۈشۈردى.
23ئىككىيلەننى كالتەك بىلەن كۆپ دۇمبىلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى زىندانغا تاشلىدى ۋە شۇنداقلا گۇندىپاينى قاتتىق كۆزىتىشكە بۇيرۇدى.
24ئۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىش بىلەن ئۇلارنى زىنداننىڭ ئىچكىرىدىكى كامېرغا سولاپ، پۇتلىرىغا ئىشكەل سالدى.
25تۈن يېرىمدا، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە كۈيلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى.
26تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى ۋە زىنداننىڭ ھەممە ئىشىكلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ھەربىر مەھبۇسنىڭ كىشەنلىرىمۇ چۈشۈپ كەتتى.
27گۇندىپاي ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، زىنداننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مەھبۇسلار قېچىپ كېتىپتۇ دەپ ئويلاپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى.
28لېكىن پاۋلۇس قاتتىق ئاۋازدا‫‪:‬‬ ــ ئۆزۈڭگە زەرەر يەتكۈزمە، ھەممىمىز بار! ــ دەپ ۋارقىرىدى.
29گۇندىپاي‫‪:‬‬ چىراغلارنى كەلتۈرۈڭلار دەپ توۋلاپ ئىچكىرىگە ئېتىلىپ كىرىپ، تىترىگەن ھالدا پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى.
30ئاندىن ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ‫‪:‬‬ ــ قۇتقۇزۇلۇشۇم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.
31رەب ئەيساغا ئېتىقاد قىلغىن، ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! ــ دېدى ئۇلار.  
32شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە رەبنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى يەتكۈزدى.
33كېچە شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا گۇندىپاي ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى؛ ئاندىن ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى؛
34ئىككىيلەننى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا داستىخان سالدى. ئۇ پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن زور شادلاندى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:18-34روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:18-34