Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:1-10

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاندىن ئۇ دەربە ۋە لىسترا شەھەرلىرىگىمۇ باردى. مانا، شۇ يەردە ئېتىقادچى يەھۇدىي بىر ئايالنىڭ ئوغلى، تىموتىي ئىسىملىك بىر مۇخلىس بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى بولسا گرېك ئىدى.
2لىسترا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ياخشى گۇۋاھلىق بېرەتتى.
3پاۋلۇس ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. بىراق بۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينىڭ ئاتىسىنىڭ گرېك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پاۋلۇس ئۇنى ئېلىپ خەتنە قىلدۇردى.  
4ئۇلار شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزىلاردىن ئۆتكەچ، يېرۇسالېمدىكى روسۇللار بىلەن ئاقساقاللار يات ئەللەرگە بېكىتكەن بەلگىلىمىلەرنى ئۇلارنىڭ رىئايە قىلىشى ئۈچۈن تاپشۇردى.
5شۇنداق قىلىپ، جامائەتلەر ئېتىقادتا كۈچەيتىلىپ، سانلىرىمۇ كۈندىن‫‪‎-‎‬‬كۈنگە كۆپەيدى.
6مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامنى جاكارلىشىغا يول قويمىغان بولۇپ، پاۋلۇسلار ئەمدى فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىدىن ئۆتۈپ،
7مىسىيە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، بىتىنىيە ئۆلكىسىگە كىرمەكچى بولدى. بىراق ئەيسانىڭ روھى ئۇلارغا بۇنداق قىلىشىقىمۇ يول قويمىدى.
8شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىيەدىن ئۆتۈپ، دېڭىز بويىدىكى تروئاس شەھىرىگە چۈشتى.
9شۇ كۈنى كەچتە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە كۆرۈنۈش كۆرۈنۈپ، ماكېدونىيەلىك بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ماكېدونىيەگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرگەيسەن! ــ دەپ ئۆتۈندى.
10ئۇ بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، رەب بىزنى جەزمەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارغا خۇش خەۋەر جاكارلاشقا چاقىرغان، دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، دەرھال ماكېدونىيەگە بېرىشقا تەييارلاندۇق.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:1-10روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:1-10