Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15:5-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5لېكىن پەرىسىي مەزھىپىدىكىلەردىن ئېتىقاد يولىغا كىرگەن بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ‫‪:‬‬ ــ مۇشۇ يات ئەللىكلەرنى خەتنە قىلىش كېرەك، شۇنداقلا ئۇلارغا مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى جېكىلەش كېرەك! ــ دېدى.
6شۇڭا روسۇللار بىلەن ئاقساقاللار بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەم بولۇشتى.
7ئۇزۇن سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ قېرىنداشلار، دەسلەپتىكى كۈنلەردە خۇدانىڭ ئىچىڭلاردىن مېنى تاللاپ مېنىڭ ئاغزىم ئارقىلىق خۇش خەۋەردىكى سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامنى يات ئەللىكلەرگە ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭ ئېتىقاد قىلىشىدا ۋاسىتە قىلىشقا بېكىتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭلار بار.
8ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى خۇدا مۇقەددەس روھنى بىزگە ئاتا قىلغىنىدەك، ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلدى.
9شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن ھېچقانداق پەرقلەندۈرمەي، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئېتىقاد ئارقىلىق پاك قىلدى.
10ئەھۋال مانا شۇنداق ئىكەن، ئەمدى سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىز ۋە ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزمۇ كۆتۈرەلمىگەن بىر بويۇنتۇرۇقنى مۇخلىسلارنىڭ بوينىغا ئارتماقچى بولۇپ، خۇدانى سىنىماقچى بولىسىلەر؟!
11ئەمدىلىكتە، بىز بولساق رەب ئەيسانىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتىگە تايىنىپ ئۇلارغا ئوخشاش قۇتقۇزۇلىمىز، دەپ ئىشىنىمىز.  
12بۇ سۆزدىن كېيىن، بارناباس بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدا ئۆزلىرى ئارقىلىق يات ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى بايان قىلىپ بەردى؛ كۆپچىلىك ئۇلارغا قۇلاق سېلىپ سۈكۈتتە تۇردى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15:5-12روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15:5-12