38بىراق پاۋلۇس ئالدىنقى قېتىم پامفىلىيە ئۆلكىسىدە ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەن، رەبنىڭ خىزمىتىدە ئۇلار بىلەن بىللە داۋاملىق سەپەر قىلمىغان ماركۇسنى يەنە ئېلىپ بېرىشنى ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ قارىدى.
39شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا بەك كەسكىن ئىختىلاپ بولۇپ، ئاخىر بېرىپ ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى. بارناباس ماركۇسنى ئېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ سىپرۇس ئارىلىغا كەتتى.