28گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، مۇقەددەس روھقا، شۇنداقلا بىزلەرگىمۇ شۇ لايىق كۆرۈنگەنكى، تۆۋەندىكى زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن سىرت، سىلەرگە ھېچقانداق باشقا ئىشنى يۈكلىمەسلىكىمىز كېرەك:
29ــ بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن نېرى بولۇش ــ سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن ساقلانساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. ئامان-خاتىرجەم بولۇڭلار!»
30شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قېرىنداشلار تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ، ئانتاكياغا باردى. ئۇ يەردە پۈتۈن جامائەتتىكىلەرنى يىغىپ، خەتنى ئۇلارغا تاپشۇردى.
31ئۇلار خەتنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن بولغان رىغبەت-تەسەللىدىن زور شادلاندى.
32يەھۇدا ۋە سىلاسلار ئۆزلىرىمۇ پەيغەمبەرلەردىن بولۇپ، ئۇلار قېرىنداشلارنى نۇرغۇن سۆز-نەسىھەتلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى قۇۋۋەتلەندۈردى.