13ئۇلارنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ياقۇپ مۇنداق دېدى: ــ قېرىنداشلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار!
14باياتىن شىمېئون خۇدانىڭ يات ئەللىكلەرنىمۇ باشتىنلا شاپائەت بىلەن يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆز نامى ئۈچۈن بىر خەلق چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
15پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ بۇنىڭغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەندەك: ــ
16ــ ««مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ، داۋۇتنىڭ يىقىلغان چېدىرىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ تىكلەيمەن، ئۇنىڭ خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.