Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:41-47

Help us?
Click on verse(s) to share them!
41«قاراڭلار، ئى مازاق قىلغۇچىلار، ھەيرانۇھەس بولۇپ ھالاك بولۇڭلار! چۈنكى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلەردە بىر ئىش قىلىمەنكى، ئۇنى بىرسى سىلەرگە ئېلان قىلسىمۇ سىلەر شۇ ئىشقا ھەرگىز ئىشەنمەيسىلەر!»  
42پاۋلۇس بىلەن بارناباس سىناگوگدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارغا كېلەركى شابات كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە سۆزلەشنى يېلىندى.
43سىناگوگتىكى جامائەت تارقالغاندا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورققان تەۋراتقا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا ئەگەشتى. ئىككىسى ئۇلارغا سۆز قىلىپ، ئۇلارنى خۇدانىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتىدە چىڭ تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.
44كېيىنكى شابات كۈنى، پۈتۈن شەھەر خەلقى دېگۈدەك خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى ئاڭلىغىلى كېلىشتى.
45بىراق بۇنداق توپ‫‪‎-‎‬‬توپ ئادەملەرنى كۆرگەن يەھۇدىيلار ھەسەتكە چۆمۈپ، پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قارشى تەتۈر گەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلدى.
46ئەمدى پاۋلۇس بىلەن بارناباس تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى ئالدى بىلەن سىلەر يەھۇدىي خەلقىگە يەتكۈزۈش كېرەك ئىدى. لېكىن سىلەر ئۇنى چەتكە قېقىپ ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا لايىق كۆرمىگەندىن كېيىن، مانا بىز سىلەردىن بۇرۇلۇپ ئەللەرگە يۈزلىنىمىز!   
47چۈنكى پەرۋەردىگار مۇقەددەس يازمىلاردا بىزگە مۇنداق بۇيرۇغان‫‪:‬‬ ــ «مەن سېنى يات ئەللەرگە نۇر بولۇشقا، يەر يۈزىنىڭ چەت‫‪‎-‎‬‬ياقىلىرىغىچە نىجاتلىق بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى ئاتىدىم».  

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:41-47روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:41-47