Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:3-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويدى.
4ئۇلار مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، سەليۇكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە چىقىپ سىپرۇس ئارىلىغا قاراپ يولغا چىقتى.
5سالامىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگلىرىدا خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. يۇھاننا ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى ئىدى.  
6ئۇلار پۈتۈن ئارالنى ئارىلاپ چىقىپ، پافوس شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە باريەشۇئا ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ سېھىرگەر بولۇپ، ساختا پەيغەمبەر بولغان بىر يەھۇدىي ئىدى.
7ئۇ كىشى بۇ ئارالنىڭ رىملىق ۋالىيىسى سېرگىيۇس پاۋلۇسنىڭ ھەمراھى ئىدى. ۋالىي ئۇقۇمۇشلۇق بىر كىشى بولۇپ، بارناباس بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى ئاڭلىماقچى بولدى.
8لېكىن ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) ئۇلارغا قارشى چىقىپ، ۋالىينىڭ رايىنى ئېتىقادتىن قايتۇرۇشنى ئۇرۇنماقتا ئىدى.
9بىراق مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان سائۇل (يەنە «پاۋلۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ
10ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئەي، قەلبىڭ ھەرخىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان ئىبلىسنىڭ ئوغلى، ھەممە ھەققانىيلىقنىڭ دۈشمىنى! پەرۋەردىگارنىڭ تۈز يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟!
11ئەمدى رەبنىڭ قولى ئۈستۈڭگە چۈشتى! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! ــ دېدى. شۇئان، بىر خىل تۇمان ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنى باستى. ئۇ يولنى سىلاشتۇرۇپ، كىشىلەردىن مېنى قولۇمدىن يېتىلەڭلار، دەپ ئىلتىجا قىلاتتى.
12يۈز بەرگەن ئىشنى كۆرگەن ۋالىي رەبنىڭ تەلىمىگە قاتتىق ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.
13پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كېمىگە چىقىپ، پافوستىن پامفىلىيە ئۆلكىسىدىكى پەرگە شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە يۇھاننا ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى.   
14پاۋلۇسلار بولسا پەرگە شەھىرىدىن چىقىپ، داۋاملىق مېڭىپ پىسىدىيە رايونىدىكى ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، شابات كۈنى سىناگوگقا كىردى.
15تەۋرات قىسىملىرىدىن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىناگوگنىڭ چوڭلىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ‫‪:‬‬ ــ قېرىنداشلار، ئەگەر خالايىققا بىرەر نەسىھەت سۆزۈڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، ــ دېدى.
16پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قول ئىشىرىتى قىلىپ، خالايىققا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئەي ئىسرائىللار ۋە خۇدادىن قورققانلار، قۇلاق سېلىڭلار!   

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:3-16روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:3-16