Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:2-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2ئۇلار رەبنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ روزا تۇتۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ بارناباس بىلەن سائۇلنى مەن ئۇلارنى قىلىشقا چاقىرغان خىزمەت ئۈچۈن ماڭا ئايرىپ قويۇڭلار، ــ دېدى.
3شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويدى.
4ئۇلار مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، سەليۇكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە چىقىپ سىپرۇس ئارىلىغا قاراپ يولغا چىقتى.
5سالامىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگلىرىدا خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. يۇھاننا ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى ئىدى.  
6ئۇلار پۈتۈن ئارالنى ئارىلاپ چىقىپ، پافوس شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە باريەشۇئا ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ سېھىرگەر بولۇپ، ساختا پەيغەمبەر بولغان بىر يەھۇدىي ئىدى.
7ئۇ كىشى بۇ ئارالنىڭ رىملىق ۋالىيىسى سېرگىيۇس پاۋلۇسنىڭ ھەمراھى ئىدى. ۋالىي ئۇقۇمۇشلۇق بىر كىشى بولۇپ، بارناباس بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى ئاڭلىماقچى بولدى.
8لېكىن ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) ئۇلارغا قارشى چىقىپ، ۋالىينىڭ رايىنى ئېتىقادتىن قايتۇرۇشنى ئۇرۇنماقتا ئىدى.
9بىراق مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان سائۇل (يەنە «پاۋلۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:2-9روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:2-9