15تەۋرات قىسىملىرىدىن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىناگوگنىڭ چوڭلىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ: ــ قېرىنداشلار، ئەگەر خالايىققا بىرەر نەسىھەت سۆزۈڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، ــ دېدى.
16پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قول ئىشىرىتى قىلىپ، خالايىققا مۇنداق دېدى: ــ ئەي ئىسرائىللار ۋە خۇدادىن قورققانلار، قۇلاق سېلىڭلار!
17بۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ خۇداسى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى تاللىدى؛ ئۇلار مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنى ئۇلۇغ قىلدى، ئۆزىنىڭ ئېگىز كۆتۈرگەن بىلىكى بىلەن ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.
18ئۇ چۆلدە ئۇلارغا تەخمىنەن قىرىق يىل غەمخورلۇق قىلدى