1ئانتاكيادىكى جامائەت ئىچىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارناباس، «قارا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمېئون، كۇرىنىلىك لۇكىئۇس، ھېرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مانائەن ۋە سائۇللار ئىدى.
2ئۇلار رەبنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ روزا تۇتۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا: ــ بارناباس بىلەن سائۇلنى مەن ئۇلارنى قىلىشقا چاقىرغان خىزمەت ئۈچۈن ماڭا ئايرىپ قويۇڭلار، ــ دېدى.
3شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويدى.
4ئۇلار مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، سەليۇكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە چىقىپ سىپرۇس ئارىلىغا قاراپ يولغا چىقتى.