7ۋە تۇيۇقسىز رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، بىر نۇر كامېرنى يورۇتتى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ بىقىنىغا نوقۇپ: ــ تېز تۇر! ــ دەپ ئويغاتتى. ئۇنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇ ھامان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى.
8پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ بېلىڭنى باغلىۋال! كەشىڭنىمۇ كىي! ــ دېدى. پېترۇس ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدى. ئاندىن ئۇ: ــ چاپىنىڭنى يېپىنچاقلاپ كەينىمدىن ماڭ! ــ دېدى.
9پېترۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كامېردىن چىقتى. بىراق ئۇ پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ راستلىقىنى بىلمەي، بەلكى بىر غايىبانە كۆرۈنۈش كۆرۈپتىمەن، دەپ ئويلاۋاتاتتى.