21بەلگىلەنگەن كۆرۈشۈش كۈنىدە ھېرود شاھانە تونلىرىنى كىيىپ، سوراق تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلىدى.
22ئاڭلىغان خەلق: ــ بۇ ئادەمنىڭ ئاۋازى ئەمەس، بەلكى بىر ئىلاھنىڭ ئاۋازىدۇر! ــ دەپ ۋارقىراشتى.
23شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى خاننى ئۇردى؛ چۈنكى ئۇ شان-شەرەپنى خۇداغا بېغىشلىمىدى. نەتىجىدە، ئۇ قۇرتقا يەم بولۇپ ئۆلدى.
24ئەمما خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق بەرق ئۇرۇپ كېڭەيدى.
25بارناباس بىلەن سائۇل يېرۇسالېمدا ئىئانىلىرىنى تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئانتاكياغا قايتىپ كەتتى. ئۇلار ماركۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان يۇھاننانى بىللە ئېلىپ باردى.