12ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىپ يەتكەندە، ئۇ ماركۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى.
13ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىشىكىنى قاققاندا، رودا ئىسىملىك بىر دېدەك ئاۋازنى ئاڭلاپ چىقتى.
14ئۇ پېترۇسنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، خۇشاللىقىدىن ئىشىكنى ئېچىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي يۈگۈرۈپ كېلىپ، ھەممەيلەنگە: ــ پېترۇس دەرۋازا ئالدىدا تۇرىدۇ! ــ دەپ خەۋەر قىلدى.
15لېكىن ئۇلار: ــ ساراڭ بولۇپ قالدىڭغۇ! ــ دېيىشتى. بىراق ئۇ: ــ راست شۇنداق، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار: ــ ئۇ ئۇنىڭ پەرىشتىسى بولسا كېرەك! ــ دېيىشتى.
16بىراق پېترۇس دەرۋازىنى قېقىۋەردى. ئۇلار چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرگەندە ھەممەيلەن ھاڭ-تاڭ بولۇشتى.
17پېترۇس ئۇلارغا ئۈن چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا رەبنىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ: ــ بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا ۋە قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار، ــ دەپ، ئۆزى ئۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتتى.
18تاڭ ئاتقاندا، قاراۋۇللار پېترۇس زادى نېمە بولدى دەپ سارىسىمىگە چۈشتى.