Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12:11-20

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11شۇ چاغدا، پېترۇس ئېسىگە كېلىپ، ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزىگە‫‪:‬‬ «دەرۋەقە ئەمدى رەب ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، مېنى ھېرودنىڭ قولىدىن ۋە يەھۇدىي خەلقىنىڭ كۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزۇپتۇ، دەپ بىلدىم» ــ دېدى.
12ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىپ يەتكەندە، ئۇ ماركۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا‫‪‎-‎‬‬تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى.
13ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىشىكىنى قاققاندا، رودا ئىسىملىك بىر دېدەك ئاۋازنى ئاڭلاپ چىقتى.
14ئۇ پېترۇسنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، خۇشاللىقىدىن ئىشىكنى ئېچىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي يۈگۈرۈپ كېلىپ، ھەممەيلەنگە‫‪:‬‬ ــ پېترۇس دەرۋازا ئالدىدا تۇرىدۇ! ــ دەپ خەۋەر قىلدى.
15لېكىن ئۇلار‫‪:‬‬ ــ ساراڭ بولۇپ قالدىڭغۇ! ــ دېيىشتى. بىراق ئۇ‫‪:‬‬ ــ راست شۇنداق، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار‫‪:‬‬ ــ ئۇ ئۇنىڭ پەرىشتىسى بولسا كېرەك! ــ دېيىشتى.
16بىراق پېترۇس دەرۋازىنى قېقىۋەردى. ئۇلار چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرگەندە ھەممەيلەن ھاڭ‫‪‎-‎‬‬تاڭ بولۇشتى.
17پېترۇس ئۇلارغا ئۈن چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا رەبنىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ‫‪:‬‬ ــ بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا ۋە قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار، ــ دەپ، ئۆزى ئۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتتى.  
18تاڭ ئاتقاندا، قاراۋۇللار پېترۇس زادى نېمە بولدى دەپ سارىسىمىگە چۈشتى.
19ھېرود ئۇنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئىز‫‪‎-‎‬‬دېرىكىنى تاپالمىغاچقا، قاراۋۇللارنى سوراق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى بۇيرۇدى. بۇ ئىشتىن كېيىن، ئۇ يەھۇدىيەدىن چۈشۈپ قەيسەرىيە شەھىرىگە بېرىپ شۇ يەردە تۇردى.
20ئەسلىدە ھېرود خان بىلەن تۇر ۋە زىدوندىكىلەر ئارىسىدا قاتتىق جېدەل بار ئىدى. ھالبۇكى، تۇر ۋە زىدوندىكىلەر بىرلىشىپ، ھېرودنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇلار ئالدى بىلەن خاننىڭ بىلاستۇس ئىسىملىك شەخسىي غوجىدارىنى ئۆزلىرىگە يار‫‪‎-‎‬‬يۆلەك بولۇشقا قايىل قىلغانىدى. چۈنكى بۇ يۇرتتىكىلەر ئاشلىقنى خاننىڭ ئىلكىدىكى جايلاردىن ئالاتتى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12:11-20روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12:11-20