5مۇنداق دېدى: ــ يوپپا شەھىرىدە دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، غايىبانە كۆرۈنۈش مېنى ئورىۋېلىپ، بىر ئالامەتنى كۆردۈم. كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسە تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا ئاسماندىن چۈشۈپ، مېنىڭ يېنىمدا توختىدى.
6ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىسام، ئىچىدە ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، ياۋايى ھايۋاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ بار ئىكەن.
7ئاندىن: «ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.