Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11:2-10

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2شۇڭا، پېترۇس يېرۇسالېمغا قايتقاندا، خەتنىلىك بولغان ئىشەنگۈچىلەر ئۇنى ئەيىبكە بۇيرۇپ‫‪:‬‬
3ــ سەن خەتنە قىلىنمىغان ئادەملەرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدۇڭ؟! ــ دېدى.
4بىراق پېترۇس پۈتۈن ئىشنى باشتىن‫‪‎-‎‬‬ئاخىرىغىچە ئۇلارغا بىر‫‪‎-‎‬‬بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ
5مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ يوپپا شەھىرىدە دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، غايىبانە كۆرۈنۈش مېنى ئورىۋېلىپ، بىر ئالامەتنى كۆردۈم. كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسە تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا ئاسماندىن چۈشۈپ، مېنىڭ يېنىمدا توختىدى.
6ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىسام، ئىچىدە ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، ياۋايى ھايۋاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلارمۇ بار ئىكەن.
7ئاندىن‫‪:‬‬ «ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.
8مەن‫‪:‬‬ «ياق رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھەرقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن!» دېدىم.
9بىراق ماڭا يەنە‫‪:‬‬ «خۇدا ھالال دەپ پاكلىغان نەرسىنى سەن ھارام دېمە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
10بۇ ئىش ئۈچ قېتىم شۇنداق تەكرارلىنىپ، ئاخىر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسمانغا قايتىدىن تارتىپ كېتىلدى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11:2-10روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11:2-10